تۈركىيە - ياۋرو – ئاسىيا مۇناسىۋەتلىرى

تۈركىيەنىڭ 2014 - يىلى ياۋرو – ئاسىيادا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى

195536
تۈركىيە - ياۋرو – ئاسىيا مۇناسىۋەتلىرى

2014 - يىلى ياۋرو - ئاسىيا جۇغراپىيەسىدىكى دۆلەتلەر بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر مۇقىم ھالەتتە داۋاملاشتى. يىلنىڭ بېشىدىن ئاخىرىغىچە ئىلگىرى پلانلانغان ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنلىرى ۋە زىيارەتلەر ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئالدى بىلەن، تۈركىيەگە نىسبەتەن ئالدىنقى پىلانغا چىققان مۇھىم ئۆزكىرىشلەرگە بىر قۇر نەزەر تاشلاپ چىقايلى.
تۈركىيە تەرىپىدىن بىرقانچە يىل ئىلگىرى يولغا قويۇلغان ئۈچ تەرەپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنلىرى رايونلۇق ھەمكارلىق جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. 2014 - يىلى بۇ ئۈچ تەرەپ يىغىنلار بەلگىلەنگەن جايلاردا ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئالدى بىلەن گەنجەدە 2014 – يىلى 19 - فېۋرال 3 – نۆۋەتلىك ئەزەربەيجان-گىرۇزىيە-تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى چاقىرىلدى. 4 – نۆۋەتلىك يىغىن بولسا 2014 – يىلى 10 - دېكابىر قارستا ئۆتكۈزۈلدى. تۈركىيە–ئەزەربەيجان–ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۈچ تەرەپ يىغىنىنىڭ ئۈچىنچىسى 2014 - يىلى 14 - مارت ۋاندا ئىشقا ئاشۇرۇلدى. تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە تۈركمەنىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىمۇ 26 - ماي كۈنى باكۇدا تۇنجى قېتىم ئۈچ تەرەپ يىغىنىنى ئىشقا ئاشۇردى. يىغىندىن كېيىن «باكۈ باياننامىسى» ئېلان قىلىندى. بۇ دائىرىدە بۇنداق ئۈچ تەرەپ ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنلىرىنىڭ قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبەكىستان ئۈچۈنمۇ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.
تۈركىيە 2014 - يىلى رۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە قىرغىزىستان بىلەن يىللىق ئىستىراتېگىيەلىك ئالى ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنلىرىنى ئىشقا ئاشۇردى. ئىستىراتېگىيەلىك ئالى ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنلىرى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يۈكسەك سەۋىيەدە داۋاملىشىشىغا زېمىن ھازىرلاپ بېرىدۇ.
تۈركىيە باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزئارا ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش خىزمىتىنى 2014 – يىلىمۇ داۋاملاشتۇردى. 11 – ئاپرېل كۈنى تۈركىيە-موڭغۇلىيە ئوتتۇرىسىدا 30 كۈنلۈك ۋىزىسىز ساياھەت دەۋرى باشلاندى. 1 – ئىيۇندىن باشلاپ تۈركىيە-بېلارۇسىيە ۋە تۈركىيە-مولدوۋا ئوتتۇرىسىدا ۋىزىسىز كىرىش-چىقىش خىزمىتى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
4-5 – ئىيۇن كۈنلىرى بودرۇمدا تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ ساھىبخانىلىقىدا 4 – نۆۋەتلىك تۈرك كېڭىشى ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى چاقىرىلدى. تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى قۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋنىڭ يىغىنغا ئىشتىراك قىلىشىدا ئابدۇللاھ گۈلنىڭ ناھايىتى زور تۆھپىسىنىڭ بارلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.
ياۋرو - ئاسىيانىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دۆلەتلىرىدىن بىرى بولغان رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرى جەھەتتىن 2014 - يىلى ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بىر يىل بولدى. رەچەپ تاييىپ ئەردوغان 2014 – يىلىنىڭ باشلىرىدا سوچى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلدى. رۇسىيە فېدېراتسىيەسى پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن قانىتى بولغان دۇما باشلىقى سېرگېي نارىشكىن ئارىدىن 16 يىل ئۆتكەندىن كېيىن پارلامېنت باشلىقى سۈپىتىدە 27 - فېۋرال تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. نارىشكىن رۇسىيە ھەيئىتىنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاۋغۇست ئېيىدا ئەردوغاننىڭ جۇمھۇر رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغىمۇ قاتناشتى. پىرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىن 1 - دېكابىر كۈنى رۇسىيە-تۈركىيە ئىستىراتېگىيەلىك ئالى ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ 5 – نۆۋەتلىك يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن 10 مىنىستىرى بىلەن بىرلىكتە ئەنقەرەدە بىر كۈنلۈك زىيارەتتە بولدى. پۇتىن ئەنقەرەدە جەنۇبىي ئېقىمنىڭ ئورنىغا قارادېڭىزدىن تۈركىيەگە كېلىدىغان تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى بەرپا قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
تۈركىيە غەرب ئەللىرى رۇسىيەگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگولارغا داخىل بولمىدى. بىراق قىرىمنىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىۋېلىشىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى، ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ دائىرىدە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، «تۈركىيە قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنسىز ھالدا ئىشغال قىلىنىشىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ» تەرىقىسىدە بايانات ئېلان قىلدى.
2014 – يىللىق سوچى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن رۇسىيەگە بارغان شۇ دەۋرنىڭ باش مىنىستىرى ئەردوغان، بۇ يەردە ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى ئىسلام كېرىموۋ بىلەن كۆرۈشتى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاھمەت داۋۇتوغلۇ 10-12 ئىيۇل كۈنلىرى ئۆزبېكىستاندا رەسمىي زىيارەتتە بولدى. داۋۇتئوغلۇنىڭ ئارىدىن 13 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلىشى ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەت سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىسىدىن مەڭگۈلۈك ئورۇن ئالدى.
قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى ئالمازبېك ئاتامبايېۋ 10 – ئاۋغۇست ئەنقەرەدە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مەركىزىنىڭ بالكونىدىن تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك سايلاملىرىدا غەلىبە قىلغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى تەبرىكلەپ نۇتۇق سۆزلىدى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ 28 – ئاۋغۇستتىكى ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا ياۋرو - ئاسىيا جۇغراپىيەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ دېگۈدەك ھەممىسى ۋەكىل ئەۋەتتى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى مېزېنتسېۋمۇ تەشكىلاتغا ۋەكالىتەن مۇراسىمغا قاتناشتى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن تۇنجى چەت ئەل زىيارىتىنى 2 – 3 – سېنتەبىر كۈنلىرى ئەزەربەيجانغا، تۇنجى ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتىنى تۈركمەنىستانغا ئىشقا ئاشۇردى.
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
يۇقىرىقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تۈركىيەنىڭ ياۋرو - ئاسىيا جۇغراپىيەسىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى 2014 - يىلى مۇقىم ھالەتتە ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رايوندا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرمۇ خەلقئارا سىياسەتكە مۆھۈرىنى باستى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇكرائىنا، قىرىم تاتارلىرى، ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە چېگرا توقۇنۇشلىرى ۋە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋرو - ئاسىيا جۇغراپىيەسىدىكى مۇھىم ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا باشتىن – ئاخىر كېرەكلىك ھەم زۆرۈر باياناتلارنى بەردى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تايلاندتا بىر ئورمانلىقتا يالغان پاسپورتلار بىلەن تۇتۇلغان 300 ئۇيغۇرنى تۈركىيەگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر