ئامېرىكىنىڭ فېرگۇسون ۋەقەلىرىگە تۈركىيە پەنجىرىسىدىن نەزەر

ئامېرىكا يەنە بىر قېتىم پۈتۈن دۆلەت مىقياسىغا كېڭەيگەن ئاممىۋىي نارازىلىق ھەرىكىتىگە دۇچ كەلدى.

167441
ئامېرىكىنىڭ فېرگۇسون ۋەقەلىرىگە تۈركىيە پەنجىرىسىدىن نەزەر

تۈركىيەنىڭ ۋە دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپى – 103
«ئامېرىكىنىڭ فېرگۇسون ۋەقەلىرىگە تۈركىيە پەنجىرىسىدىن نەزەر»

ئامېرىكا يەنە بىر قېتىم پۈتۈن دۆلەت مىقياسىغا كېڭەيگەن ئاممىۋىي نارازىلىق ھەرىكىتىگە دۇچ كەلدى. مىسسۇرى ئىشتاتىغا قاراشلىق فېرگۇسون يېزىسىدا ساقچى مەمۇرىنىڭ بىر نەپەر قارا تەنلىكنى ئۆلتۈرۈپ قويۇشى بىلەن باشلانغان ۋەقەلەر بارغانچە ئەۋج ئېلىپ پۈتۈن دۆلەت مىقياسىغا كېڭەيدى. بۇ ۋەقەنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرىۋەتكەن ئىش ئامېرىكا سوت مەھكىمىسىنىڭ ساقچىنى "گۇناھسىز" دەپ ھۆكۈم چىقارغانلىقى بولدى. نىيۇيورك ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان شەھەرلەردە ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلاردا ساقچىلارنىڭ تەڭپۇڭسىز كۈچ ئىشلىتىشىگە ۋە سوت مەھكىمىسىنىڭ ساقچىلارنى قوغداش خاراكتېرلىك ھۆكۈم چىقىرىشلىرىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈلدى. بىراق ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرىنىڭ پۈتۈن چارە - تەدبىرلىرىگە قارىماستىن ۋەقەلەر توختىماي داۋاملاشتى. پۈتۈن دۇنيانىڭ نەزىرىدە ئامېرىكا گويا بىر مالىمانچىلىقنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالغاندەك كۆرىنىشكە باشلىدى.
ئامېرىكىدىكى ۋەقەلەر تۈركىيە خەلقىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتماي قالمىدى. بۇنىڭ قىسمەن سەۋەبى تۈركىيەنىڭ ئامېرىكىغا ئىتتىپاقداش دۆلەت بولغانلىقى بولىشىمۇ مۇمكىن. بىراق شۇنىڭغا ئوخشاش بىر مالامانچىلىقنى تۈركىيەنىڭمۇ 2013 – يىلى ئىستانبۇل گەزى باغچىسى ۋەقەلىرىدە باشتىن كەچۈرگەنلىكى بۇ قىزىقىشقا ئەڭ چوڭ سەۋەب بولدى، دېيىشكە بولىدۇ. گەزى باغچىسى ۋەقەسىمۇ بىرلا جايدا باشلاپ، كېيىنچە ئەنقەرە قاتارلىق بىر قانچە ۋىلايەتكىچە كېڭەيگەن ئىدى. بولۇپمۇ گەزى ۋەقەسى غەرب مەتبۇئاتلىرىدا بولۇشىغا كۆپتۈرۈلۈپ، خۇددى تۈركىيە بىر ئاتەش يالقۇنىنىڭ ئىچىگە كېرىپ قالغاندەك كۆرسىتىلىشكە باشلاندى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا تېلېۋىزىيە قاناللىرىمۇ بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئەينى چاغدىكى تارقىتىشلىرى گەرچە ئاخبارات ئەركىنلىكى دەپ قارالسىمۇ، بىراق ۋەقەنىڭ مۇبالىغىلەشتۈرۈلۇپ، خۇددى تۈركىيە ئوتتا كۆيۈۋاتقاندەك قىلىپ كۆرسىتىلىشى توغرا ئەمەس ئىدى. مۇشۇ ۋەجىدىن تۈركىيەدە ئامېرىكا ۋە غەرب مېدىيالىرىغا قارشى نارازىلىقلار يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ئىدى.
تۆۋەندە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزان گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
*** ** ****** ** **** ***** *** ** *****
بۇ خىل ئەھۋاللاردا مېدىيانىڭ پوزىتسىيەسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى توغرا چۈشۈنۈپ يېتىشكە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا ئامېرىكىدىكى ۋەقەلەر يالغۇز ئامېرىكىنىڭ ئۆزىگىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ نۇرغۇنلىغان جايلىرىغىمۇ مۇناسىۋەتلىك ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى قىسمەن تۈركىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ۋە ھەمكارلىقى دېسەك، يەنە قىسمەن ئامېرىكا مەنبەلىك ھەر قانداق ۋەقەنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە ئىقتىسادىي جەھەتتە قېيىن مەسىلىلەرنى تۇغدۇرۇپ بېرىدىغانلىقى دېيىشكە بولىدۇ. بۇنىڭغا يەنە ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ كۈچ ئىكەنلىكى، دۇنياغا قانۇن - تۈزۈم، ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق... دېگەنگە ئوخشاش قىممەت قاراشلارنى ئومۇملاشتۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقى ھەمدە بۇ قىممەت قاراشلارغا رىئايە قىلمىغان دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ، ھەتتا جازالارنىمۇ بېرىدىغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ قوشۇشقىمۇ بولىدۇ. دەل مۇشۇ ۋەجىدىن ئامېرىكىنىڭ بۇ قىممەت قاراشلارغا ئۆزى قانچىلىك ئەمەل قىلىپ قىلمايدىغانلىقى دائىم باشقىلار تەرىپىدىن كۆزىتىلىدۇ. گەرچە باشقىلارنىڭ فېرگۇسون ۋەقەلەرى يۈزىسىدىن ئامېرىكىغا بېسىم قىلىش ياكى جازا بېرىش كۈچى بولمىسىمۇ، بىراق بۇ ۋەقەلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىناۋىتىنى ۋە ئوبرازىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىشى تۇرغانلا گەپ.
تۈركىيەنىڭ نۇقتى نەزىرى بويىچە، ئامېرىكىدىكى ۋەقەلەر ئامېرىكىنىڭ ئىچكى مۇقىملىقى جەھەتتىن ئەندىشىلىك بولغانغا ئوخشاش خەلقئارالىق قىممەت قاراشلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى جەھەتتىنمۇ ئەندىشە قىلارلىق چوڭ ۋەقەدۇر. بۇ ئەندىشىلەرنى 4 نۇقتىغا يېغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
1 – فېرگىسون ۋەقەسى، ئامېرىكا ساقچىسىنىڭ پۇقرالارغا تەڭپۇڭسىز كۈچ ئىشلەتكەنىلىكىنى شۇنداقلا بۇنىڭ نەتىجىسىدە كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. ئامېرىكا تېلېۋىزىيەلىرىدە كۆرسىتىلگەن كۆرۈنۈشلەردە ساقچىلارنىڭ جىنايەت گۇماندارى بولغان بەزى كىشىلەرنى سوت قىلماستىن جازالىغانلىقى مەلۇم بولماقتا. ساقچىلارنىڭ ئەلۋەتتە ئۆزىگە ھۇجۇم قىلغان بىر جىنايەتچىدىن مۇداپىئەلىنىش ھەق – ھوقۇقى بار. بىراق بۇنىڭمۇ بىر چېكى بولۇشى ۋە تەڭپۇڭسىز كۈچ ئىشلەتمەسلىك پىرىنسىپى ئاياق ئاستى قىلىنماسلىقى لازىم.
2 –ساقچىلارنىڭ تەڭپۇڭسىز كۈچ ئىشلىتىپ پۇخرالارنى ئۆلتۈرۈشىگە قارىتا ئامېرىكا سوت مەھكىمىسىنىڭ چىقارغان ھۆكۈملىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئېنىق كۆرۈلگىنىگە ئوخشاش مەھكىمىلەر ساقچىلارنى ئاساسەن دېگۈدەك گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم قىلماقتا. بۇ ئەھۋال خەلق ئارىسىدا سوت مەھكىمىسى بىلەن ساقچىلارنىڭ تىلى بىر، دەپ قارالماقتا. بۇ نەتىجە دۆلەتنىڭ تۈپ ئاساسى بولغان ئەدلىيە كۈچىنىڭ ئۇپرىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. تۈرك ئەقىل ئۇنچىلىرىدە دېيلىگىنىگە ئوخشاش «ئادالەت دۆلەتنىڭ ئاساسىدۇر» بۇ ئاساسنىڭ يىقىلىشى يالغۇز بىر ئامېرىكىنىڭ مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى ئادالەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان پۈتۈن دۇنيانىڭ ئەندىشە مەنبەسى دېيىشكە بولىدۇ.
3 – فېرگۇسوندىكىگە ئوخشاش ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر مۇھىم نۇقتا ۋەقەنىڭ چۇڭقۇر مەنبەسىگە مۇناسىۋەتلىك. يەنى، بۇ مەسىلە ۋەزىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ۋاقىتلىق مەسىلىمۇ ياكى ئاساسىي قۇرۇلمىدا كۆرۈلىۋاتقان مەسىلىمۇ؟ دېگەنگە قاراش لازىم.
ئەسلىدە ھەر ئىككىلىسى كۈچكە ئىگە دېيىشكىمۇ بولىدۇ. بولۇپمۇ بۇ خىل مەسىلىلەرنىڭ يېڭى ئىقتىسادى سەۋەپلىرىمۇ بار. ئامېرىكىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان چوڭقۇر ئىقتىسادى كىرىزىسلەر كەمبىغەللەرگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن بولۈپ، جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتىنىمۇ ئاشۇردى. ئامېرىكىنىڭ ھەل بولماي كېلىۋاتقان كىرىم تەڭسىزلىكى مەسىلىسى بۇقېتىمقى ئىقتىسادىي كىرىزىس بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى.
ۋەزىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر مەسىلە بولسا، بارغانچە ئېشىپ مېڭىۋاتقان كۆچمەنلەر مەسلىسى بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ كۆپ خىل مەدەنىيەت، كۆپ خىل ئىرق قۇرۇلمىسىغا ئىگە ئىكەنلىكىگە قارىماستىن، قانۇنسىز ياكى مەجبۇرىي كۆچمەنلەر ئامېرىكىنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى بىئارام قىلماقتا. ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا ماقۇللىغان بۇ قېتىمقى قارارىمۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلالماي، ئارقىغا كېچىكتۈرۈش رولىنى ئوينىماقتا.
4 – مەسىلىنىڭ ئەڭ قورقۇنچلۇق تەرىپى، جەمئىيەتنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا مۆكۈنۈپ ياتقان ئىرقىي ئايرىمچىلىق قۇرۇلمىلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكىدا ئىرقىي ئايرىمچىلىق قانۇن بويىچە پۈتۈنلەي چەكلەنگەن بولسىمۇ، جەمئىيەت پىسخىئولوگىيەسىدە ھازىرمۇ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلمەكتە. بۇ ئىرقىي ئايرىمچىلىق مەسىلىسى ساقچى بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە ئوخشاش بولمىغان شەكىللەردە ئۆزىنى نامايان قىلىپ تۇرماقتا. ياكى ھېچ بولمىغاندا شۇ خىل قاراشلار ساقلىنىپ كەلمەكتە. خەلق ئاممىسى ئارىسىدا «ئامېرىكىنىڭ ئاساسلىق ئورگانلىرىدىن بىرى بولغان ساقچى ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرى پۇقرالارغا رەڭگىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىدۇ» دەيدىغان قاراش ئومۇملاشماقتا. بۇ جەھەتتە خېلى نۇرغۇن غەلىتە مىساللار مەۋجۇت. مەسىلەن؛ 2009 – يىلى 23 - ئىيۇندا ھارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قارا تەنلىك پىروفېسسورى ھېنرىي لۇئىس گاتېسنىڭ ئاق تەنلىك بىر ساقچى تەرىپىدىن ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ قولغا ئېلىنىشىنى شۇ مىساللادىن ئارانلا بىرسى دېيىشكە بولىدۇ.
قېرىنداشلار، يۇقىرىدا مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكولتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزاننىڭ گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر