ئارىئېل شاروننىڭ قىسقىچە ھاياتى

82643
ئارىئېل شاروننىڭ قىسقىچە ھاياتى

ئارىئېل شارون

(1928 – 2014)

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ ھۆرمەتلىك ئىخلاسمەنلىرى! ياخشىمۇ سىلەر؟ ھەر ھەپتىنىڭ شەنبە كۈنلىرى ھۇزۇرۇڭلاردا بولىدىغان ‹كۈنتەرتىپتىكى شەخس› ناملىق دۇنيا كۈنتەرتىپىدىكى مۇھىم شەخسلەر تونۇشتۇرۇلىدىغان مەزكۇر سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، مۇشۇ ئاينىڭ 11- كۈنى (2014/1/11) 86 يېشىدا ۋاپات بولغان؛ بىرلىرى تەرىپىدىن ‹مىللىي قەھرىمان›، يەنە بىرلىرى تەرىپىدىن ‹تىنچلىق مۇساپىسىدىكى داڭگال›، ‹ئۇرۇش جىنايەتچىسى› دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئارىئېل شارون ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.
ئارىئېل شارون 1928 - يىلىنىڭ 26- فېۋرال كۈنى بىرىتانىيە ۋاكالىتى ئاستىدىكى پەلەستىننىڭ — ھازىرقى ئىسرائىلىيەنىڭ — مەركىزىدىكى كفار مالال يېزىسىدا شەرقىي ياۋروپادىن كۆچۈپ كەلگەن بىر ئاشكىناز يەھۇدىيسى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئاتىسى پولشادا، ئانىسى رۇسىيەدە تۇغۇلغان يەھۇدىيلاردىندۇر.
ئوقۇش ھاياتى: موشاف دېھقانچىلىق رايونىدا ئىشلەيدىغان ئاتىسى ساموئېل ئۇنى يېزا – ئىگىلىك ساھەسىدە ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن بولسىمۇ، ئارىئېل تارىخ ۋە قانۇن ئوقۇشقا بەل باغلىدى ۋە 1953 – يىلى قۇددۇستىكى ئىبرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ ۋە شەرقسۇناسلىق بۆلۈمىدە، 1958 – يىلىدىن 1962 - يىلىغىچە تېل ئاۋىۋ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىدا ئوقۇدى. ئوقۇش جەريانىدا ئىبرانىچە، ئىنگلىزچە ۋە رۇسچە ئۆگەندى.
ھەربىي ھاياتى: ئارىئېل شارون 1942- يىلى 14 ياش ۋاقتىدىلا پارتىزانلار سېپىگە قېتىلدى. ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلىشىدىن كېيىنلا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە كىردى. 1948- يىلىدىكى ئىيوردانىيە ئارمىيەسىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان قۇددۇس ئۇرۇشىدا ئىيوردانىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنىپ، يەھۇدىي ئەسىرلەر لاگېرىغا قامالدى. ئىككىنچى قېتىملىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن كېيىن بىر ئەرەب ئەسىر بىلەن ئالماشتۇرۇلدى.
ھەربىي سەپتىن ئايرىلغاندىن كېيىن قۇددۇستىكى ھېبرىيۇ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىردى. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ھەربىي سەپكە قايتىش ئۈچۈن ئارقا – ئارقىدىن ئىلتىماس سۇنۇپ، ئاخىرىدا 101- نومۇرلۇق ئالاھىدە قىسىمنىڭ باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالدى. مەزكۇر قىسىم ناھايىتى خەتەرلىك ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئورۇنداپ ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ ھەيۋىتىنى تىكلەشتە مۇھىم رول ئوينىغان بولسىمۇ، 1953- يىلى كۈزدىكى 170 ئىيوردانىيەلىك پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولغان قەبىييە ناملىق قانلىق قەتلىئام كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلدى. ئۇ ئۇنىڭدىن ئىلگىرى يەنى 1948- يىلى ئەللۇدتىمۇ بىر جامەدە نازارەت ئاستىغا ئالغان 426 پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان بىر قانلىق قەتلىئامنى سادىر قىلغانىدى.
سىياسىي ھاياتى: شارون 1973، 1974- يىللىرى ئىسرائىلىيە پارلامېنتى كېنېسسېتتە پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ ئىشلىدى. ئارىدىن 3 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنى 1977- يىلىدىن تاكى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە كېنېسسىتتىكى ئورنىنى ساقلاپ قالدى. 1977- يىلىدىن 1981- يىلىغىچە ئىسھاق رابىننىڭ خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ۋە يېزا – ئىگىلىك ئىشلىرى مىنىستىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىدى. مېناھىم بېگىن ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە مۇداپىئە مىنىستىرى بولدى. 1982- يىلى يەنى ئۇ مەزكۇر مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان مەزگىلدە لىۋانلىق خىرىستىيان مىلىتانلار پايتەخت بېيرۇتتىكى سابرا ۋە شاتىيلا لاگېرلىرىدىكى پەلەستىنلىكلەر ئۈستىدىن قەتلىئام يۈرگۈزدى. بۇ مىلىتانلار 1982- يىلى ئىيۇندا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بېيرۇتنى ئىشغال قىلغاندا ئىسرائىلىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىسرائىلىيە ئۆكتىچىلىرى بۇ قەتلىئامدا ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رولىنىڭ بار – يوقلۇقىنى تەكشۈرىدىغان بىر كومىتېتنىڭ قۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى. تەكشۈرۈش كومىتېتى، قەتلىئامنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كېرەكلىك تەدبىرلەرنى يولغا قويمىغانلىقى، قەتلىئام يۈز بېرىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلارنى ئېتىبارغا ئالمىغانلىقى قاتارلىقلارنى نەزەردە تۇتۇپ شاروننىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىنى تەلەپ قىلدى. لېكىن، كومىتېت ئۇنى قەتلىئامنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكارى، دەپ قارىمىدى. شارون كومىتېتنىڭ تەۋسىيەسىگە ئېتىراز بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بېسىملارغا بەرداشلىق بېرەلمەي ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ، دۆلەت مىنىستىرى، ئارقىدىن قۇرۇلۇش مىنىستىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىدى. 1987- يىلى ئامېرىكىدا چىقىدىغان ‹Time› ژۇرنىلى شاروننىڭ سابرا ۋە شاتىيلا قەتلىئامىدا قولىنىڭ بارلىقىغا ئىشارەت قىلىدىغان بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن شارون ژۇرنالنىڭ ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇندى، ژۇرنال شاروننى بىۋاسىتە ئەيىبلەيدىغان يېتەرلىك دەلىل – ئىسپات كۆرسىتەلمىگەن بولغاچقا، خەۋەرنىڭ يالغانلىقى قەيت قىلىندى. تەھرىر ھەيئىتى شاروننى پەرۋاسىزلارچە تىللاپ قويۇش بىلەن ئەيىبلەندى. 2001- يىلىغا كەلگەندە، سابرا ۋە شاتىيلا قەتلىئامىدا ئۆلتۈرۈلگۈچىلەرنىڭ يېقىن – يورۇقلىرى شاروننىڭ ئۈستىدىن بېلگىيە سوتىغا ئەرز سۇندى، 2002- يىلى بېلگىيە ئالىي سوتى بۇ خىل دېلولارغا قاراپ چىقىش سالاھىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، ئەرزنى رەت قىلدى.
شۇنداق، مەيلى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىچى ياكى سىرتىدا بولسۇن داۋاملىق تۈردە دەتالاشلارنىڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلگەن شارونغا بىرلىرى ‹مىللىي قەھرىمان› دەپ باھا بەرسە، بىرلىرى ‹تىنچلىق مۇساپىسىدىكى داڭگال› ھەتتا 1982- يىلىدىكى ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبىي لىۋاننى بېسىۋېلىشىدا ئوينىغان رولىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا ‹ئۇرۇش جىنايەتچىسى› دەپ تەرىپلەيدۇ. ئارىئېل شارون 1983 – يىلى سابرا ۋە شاتىلا قەتلىئامى ئۈستىدىن مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئىسرائىلىيە قانۇن كومىتېتىنىڭ ‹مەسىلىنى قەتلىئامسىز ھەل قىلىش ئۈچۈن يېتەرلىك دەرىجىدە كۈچ چىقارمىغانلىقى› ھەققىدىكى قارارىدىن كېيىن مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشكە مەجبۇر بولۇپ قالدى. 2001- يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئىسرائىلىيە ئومۇمىي سايلاملىرىدا باشقىلارغا نىسبەتەن مۆتىدىل سىياسىي پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۆرىنەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن غەلىبە قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ 11- نۆۋەتلىك باش مىنىستىرى بولدى. 2004- يىلىغا كەلگەندە غەززە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى بىر تەرەپلىمە ھالدا ئۈزۈش يولىنى تاللىدى. 2006- يىلى سەكتە كېسىلىگە مۇپتىلا بولغان شارون سەككىز يىل بويىچە بۇ كېسەلنىڭ دەردىنى تارتقاندىن كېيىن 2014- يىلى 1- ئاينىڭ 11 – كۈنى 86 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
شارون 2000- يىلى 28- سېنتەبىر (پەيشەنبە) دە پەلەستىن ئىسلامىي ۋەقفى ۋە پەلەستىن رەھبەرلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىق بىلدۈرۈشىگە قارىماي ھەرەم شەرىفنى زىيارەت قىلدى. بۇ زىيارەتكە نارازىلىق بىلدۈرگەن پەلەستىنلىك نامايىشچىلار بىلەن ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 20 پەلەستىنلىك ئۆلۈپ كەتتى، 100 پەلەستىنلىك يارىلاندى، 25 ئىسرائىلىيە ساقچىسى يارىلاندى. ئەتىسى جۈمە نامىزىدىن كېيىن پەلەستىنلىكلەرنىڭ ‹شاروننىڭ ھەرەم شەرىفنى بۇلغىشى› ناملىق نامايىشى باشلىنىپ شىددەتلىك توقۇنۇشلارغا ئارقىدىن 4 يىل داۋاملاشقان ‹ئەقسا قوزغىلىڭى› غا ئايلىنىپ كەتتى. بۇ قوزغىلاڭ جەريانىدا 9000 پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلدى. بۇنيامىن نېتانياھۇدىن كېيىن لىيكۇد پارتىيەسىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغان شارون، پارلامېنت سايلاملىرىدا غەلىبە قىلىپ باش مىنىستىر بولدى. ئوڭچىل ئىدىيىدىكى لىيكۇد پارتىيەسى ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ‹تېررورىست› دەپ قارىلىدىغان پەلەستىنلىك رەھبەرلەرگە سۇيىقەست قىلدى، غەربىي قىرغاق بىلەن غەززە رايونىنى ئىسرائىلىيە زېمىنلىرىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان تامنى سېلىشنى باشلىدى.
باش مىنىستىرلىقى مەزگىلىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق پارلامېنت سايلاملىرىدا شىمون (شەمئۇن) پېرېس رەھبەرلىكىدىكى ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى بىلەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالدى؛ بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشتىكى مۇددىئاسى، ئىسرائىلىيەنىڭ چېگراغا تام قوپۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە غەززە رايونىدىن چېكىنىپ چىقىشتىن ئىبارەت بىخەتەرلىك سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىش ئىدى. 2005- يىلى 21 – نويابىردا لىيكۇد پارتىيەسىنىڭ 13 پارلامېنت ئەزاسى بىلەن بىرلىكتە پارتىيەسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ ‹كادىما› پارتىيەسىنى قۇردى. شۇنداقلا پارتىيەنىڭ نىزامنامىسىنى ئۆزىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىنى تەۋرەنمەس ھالەتكە كەلتۈرىدىغان شەكىلدە تۈزۈپ چىقتى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، يېڭى پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسىدە ئۇنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىغا ئورۇن يوق ئىدى، باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆلگۈچە داۋاملاشتۇراتتى.
ئارىئېل شارون 1998- يىلى 5- نويابىردا ئىسرائىلىيە رادىيوسى ئارقىلىق تارقىتىلغان نۇتقىدا «ھەممىمىز قەتئىي ئىرادە بىلەن ھەرىكەتكە ئۆتۈپ تېخىمۇ كۆپ تۆپىلىكلەرگە ئىگە بولۇشىمىز، ياشايدىغان زېمىنىمىزنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىشىمىز لازىم. بىزنىڭ ئىلكىمىزدىكى نەسىلەر بىزنىڭ، بىزنىڭ قولىمىزدا بولمىغان نەرسىلەر ئۇلارنىڭدۇر.» دېيىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سىياسىي نىشانىنى ناھايىتى روشەن گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن. ئۇ مۇشۇ ئىدىيەنىڭ تۈرتكىسىدە بولسا كېرەك، ئەرەب – ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەت سەھپىسىدە قانلىق ئىزلارنى قالدۇرۇپ كەتتى.
ئارېئېل شارون 1953- يىلىدىكى قەبىييە قەتلىئامى؛ 1967 – يىلىدىكى مىسىرلىق ئەسىرلەرنى قىيناش، ئۆلتۈرۈش جىنايىتى؛ بىيرۇتنى بېسىۋېلىش؛ سابرا ۋە شاتىيلا قەتلىئامى؛ 2000- يىلىدىكى مەسجىدى ئەقساغا كىرىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىش بۇ ئارقىلىق ئەقسا قوزغىلىڭىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولۇش؛ 2002- يىلىدىكى جىنىن قەتلىئامى؛ ۋاقى قەلئە ھەرىكىتى؛ ئەھمەد ياسىن قاتارلىق پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ئەزالىرىغا سۇيىقەست قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەرنى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.
شۇنداق ئارىئېل شارون كۆپلىگەن ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ قەھرىمانى ھېسابلانسا، ئەرەبلەرنىڭ مەڭگۈلۈك دۈشمىنى ھېسابلاندى. ۋاپات خەۋىرى يەھۇدىيلارنى قايغۇغا سالدى، ئەرەبلەرنى تەنتەنىگە چۈمدۈردى. بىر تەرەپتە يەھۇدىيلار قايغۇرۇپ كۆز يېشى تۆككەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتە ئەرەبلەر خۇشاللىقىدىن سەدىقە تارقاتتى.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! يۇقىرىدا ‹كۈنتەرتىپتىكى شەخس› ناملىق سەھىپىمىز بويىچە 2014- يىلى 01- ئاينىڭ 11- كۈنى ۋاپات بولغان ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئارىئېل شاروننىڭ قىسقىچە ھاياتى بىلەن تونۇشۇپ چىقتۇق. ئالدىمىزدىكى ھەپتە مىسىرنىڭ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش نەتىجىسىدە ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان سايلانغان تۇنجى پىرېزىدېنتى مۇھەممەد مۇرسى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز. كۆڭۈل قويۇپ تىڭشىغانلىقىڭلار ئۈچۈن رەھمەت!


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر