ئابدۇلقادىر موللىنىڭ قىسقىچە ھاياتى

82631
ئابدۇلقادىر موللىنىڭ قىسقىچە ھاياتى

ئابدۇلقادىر موللا
(1948 – 2013)

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ ھۆرمەتلىك ئىخلاسمەنلىرى! ياخشىمۇ سىلەر؟ ھەر ھەپتىنىڭ شەنبە كۈنلىرى ھۇزۇرۇڭلاردا بولىدىغان ‹كۈنتەرتىپتىكى شەخس› ناملىق دۇنيا كۈنتەرتىپىدىكى مۇھىم شەخسلەر تونۇشتۇرۇلىدىغان مەزكۇر سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، باڭلادېشتا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقلىرىغا قارىماي، 2013- يىلى 12- ئاينىڭ 12- كۈنى ئۆلۈم جازاسى دارغا ئېسىپ ئىجرا قىلىنغان باڭلادېش جامائەتى ئىسلامىي پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئابدۇلقادىر موللا بىلەن تونۇشۇپ چىقىشقا تىرىشىمىز.
ئابدۇلقادىر موللا 1948- يىلى 12- ئاۋغۇستتا باڭلادېشنىڭ فەرىيدبور رايونى ئەمىر ئاباد شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئەمىر ئابادتا باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1968- يىلى راجېندرا ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 1975- يىلى داككا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن باكلاۋۇرلۇق ۋە 1977- يىلى ماگىستېرلىق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، داككادا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ۋە مىللىي مۇداپىئە تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.
ئابدۇلقادىر موللا ۋە ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى ھەققىدە توختىلىشتىن ئىلگىرى ئۇ مەنسۇپ بولغان پارتىيە ھەققىدە، يەنى ‹جامائەتى ئىسلامىي پارتىيەسى› ھەققىدە ئازراق توختىلىپ ئۆتۈش مۇھىم بولسا كېرەك. پاكىستان، ھىندىستان ۋە باڭلادېشتىكى جامائەتى ئىسلامىي پارتىيەلىرىنىڭ ئەسلى مەنبەسى بىر بولۇپ، ئۇنى 1941- يىلى 26- ئاۋغۇستتا 20- ئەسىر ئىسلام دۇنياسىنىڭ سەركە ئۆلىمالىرىدىن ئەبۇلئەلا مەۋدۇدى بۈگۈنكى دەۋر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا ساغلام ئېتىقادىي ئاساس بويىچە كەڭ كۆلەملىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە ھازىرقى پاكىستاننىڭ، ئۆز ۋاقتىدىكى ھىندىستان يېرىم ئارىلىنىڭ لاھور شەھىرىدە قۇرۇپ چىققان. 1948- يىلى پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە لاھورغا قايتىپ كەلگەن ۋە بۇ تەبىئىي ئۆزگىرىش نەتىجىسىدە جامائەتى ئىسلامىينىڭ ھىندىستان تەرەپتە قالغان قانىتى ھىندىستان جامائەتى ئىسلامىيسى، پاكىستان تەرەپتىكىسى پاكىستان جامائەتى ئىسلامىيسى سۈپىتىدە پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرغان. 1971- يىلى پاكىستاننىڭ شەرقىي قىسمى يەنى ھازىرقى باڭلادېش ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئىستىخىيلىك ھالدا باڭلادېش جامائەتى ئىسلامىي پارتىيەسى شەكىللەنگەن.
ئەمدى باڭلادېش جامائەتى ئىسلامىي پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئابدۇلقادىر موللىغا قارىتىلغان ئەيىبلەشلەر ۋە بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەيلى. ئابدۇلقادىر موللا ۋە سەپداشلىرى، 1971- يىلىدىكى باڭلادېشنىڭ پاكىستاندىن ئايرىلىپ چىقىش ھەرىكىتىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى چىققان ۋە بۇنىڭ مۇسۇلمانلارنى پارچىلاش ۋە ئۇنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇشتىن باشقا نەرسىگە يارىمايدىغانلىقى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك 6 تۈرلۈك ئەيىبلەشنىڭ بەشى بىلەن قارىلىنىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئابدۇلقادىر موللا، مۇستەقىللىق ئۇرۇشى ئەسناسىدا ‹ئەلبەدىر بىرىگاداسى› غا ئەزا بولغان.
ئابدۇلقادىر موللا باڭلادىشتىكى كۆزگە كۆرۈنگەن مۇسۇلمان ژۇرنالىستلارنىڭ بىرى بولۇپ، The Dayli Sangram كۈندىلىك گېزىتىنىڭ باش تەھرىرى بولۇپمۇ ئىشلىگەن. 1986 ۋە 1996- يىللىرى ئىككى قېتىم پارلامېنت ئەزالىقىغا نامزات بولغان.
ئابدۇلقادىر موللا، 2010- يىلى باڭلادېش ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قۇرۇپ چىقىلغان خەلقئارا ئۇرۇش جىنايەتلىرى سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 2013- يىلى فېۋرال ئېيىدا 1971- يىلىدىكى مەزكۇر ئۇرۇش ئەسناسىدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىش ۋە 344 نەپەر قورالسىز پۇقرانىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدە تۈرتكىلىك رول ئويناش بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان جامائەتى ئىسلامىي رەھبەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغان موللا، ئۈستىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈمنىڭ بىكار قىلىنىشى ئۈچۈن يۇقىرى سوتقا ئەرز سۇنغان. يۇقىرى سوت، 2013- يىلى 17- سېنتەبىر كۈنى موللىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىنى ئۆلۈم جازاسىغا ئۆزگەرتكەن.
باڭلادېشنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئۆلىمالىرىنىڭ بىرى بولغان ئابدۇلقادىر موللىنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى باڭلادېش شۇنداقلا مۇسۇلمان ئالەمىنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا قاتتىق نارازىلىقلارغا ئۇچرىدى. تۈركىيە، ئەنگلىيە، قاتار، گېرمانىيە، تۇنىس قاتارلىق ئەللەرنىڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ھەر ساھە ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى تەشكىلاتلارنىڭ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈشلىرىگە قارىماي، 12- دېكابىر كەچتە دارغا ئېسىلغان 65 ياشلىق ئابدۇلقادىر موللا، باڭلادېشتىكى ھاكىمىيەتكە قارشى بايراقدار ئىسلامىي ئۆكتىچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغان باڭلادېش باش مىنىستىرى شەيخە ھەسىينەگە تېلېفون قىلىپ، ئابدۇلقادىر موللىغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنىڭ بىكار قىلىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، باڭلادېش دائىرلىرى موللا ئابدۇلقادىرغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى ئەردوغان تېلېفون قىلغان كۈنى كەچتە داككا تۈرمىسىدە دارغا ئېسىپ ئىجرا قىلدى ۋە جەسىتى ئائىلىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن موللىنىڭ نامىزى سەھەر سائەت 4 تە ئوقۇلۇپ يەرلىككە قويۇلدى. باڭلادېش دائىرىلىرى موللىنىڭ تىلەكلىرىنىڭ ئورۇندىلىشىغا رۇخسەت قىلمىدى. ئۇ نامىزىنى پەرزەنتلىرىدىن بىرىنىڭ ئوقۇشىنى تەلەپ قىلغانىدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئابدۇلقادىر موللىغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىغا ‹ئۇيىلىشقا تېگىشلىك بىر ئىش› دەپ باھا بەردى. مەزكۇر تەشكىلاتتا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان بىنگاللىق تەتقىقاتچى ئابباس فائىز «بۇ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنماسلىقى كېرەك ئىدى. چۈنكى، ئۆلۈم جازاسى كىشىلىك ھوقۇقنى ئوچۇقتىن ئوچۇق دەپسەندە قىلىشتۇر» دېدى.
ئابدۇلقادىر موللىنىڭ ئادۋوكاتى تاجۇلئىسلامنىڭ ئاناتولىيە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئۇ ئۆلۈم جازاسىدىن ئىلگىرى «ئۇلار مېنى بىر ئىسلامىي پارتىيەنىڭ رەھبىرى بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۆلتۈرمەكچى. مەن مۇتلەق ھالدا ھېچقانداق جىنايەت سادىر قىلمىدىم. مېنى مۇسۇلمان بولغانلىقىم ئۈچۈن دارغا ئاسىدۇ. بۇ ھۆكۈمەت ماڭا قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرنىڭ ھېچبىرىنى سادىر قىلمىغانلىقىمنى بىلىدىغان بولۇشىغا قارىماي، مېنى ئۆلتۈرۈش پىكرىدە چىڭ تۇرماقتا.» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان. ئۇ يەنە ئايالى پىيورى خانىمغا يازغان مەكتۇبىدا ئۆزىنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىنىڭ پەردە ئارقىسىدا ھىندىستاننىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنۇلارنى يازدى: «..ھۆكۈمەت ئاخىرقى پەيتلىرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقى ئۈچۈن بولسا كېرەك، بۇ پەسكەش جىنايەتنى سادىر قىلىشقا ئالدىرىماقتا... تۈنۈگۈن ھىندىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى پەقەت ئاۋامى لىگى (ھەسىنە ۋەجىدنىڭ پارتىيەسى) نى جاسارەتلەندۈرۈش بىلەنلا قالمىدى، ئەينى ۋاقىتتا مۇھەممەد ئەرشادقىمۇ بېسىم ئىشلەتتى. ئۇنى جامائەتى شىبىر (جامائەتى ئىسلامىي پارتىيەسىنىڭ ياشلار قانىتى) نىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدىن ئاگاھلاندۇردى. بۇ، جامائەتى شىبىردىن قورقۇش ۋە ئۇنىڭغا بولغان نەپرەت ھىندىستاننىڭ ھەممە يېرىنى قاپلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. باشتىن بېرى دەپ كەلگىنىمدەك، بىزگە قارشى چىقىرىلغان بارلىق قارارلار ئەسلىدە ھىندىستان تەرىپىدىن پىلانلىنىدۇ. ئاۋامى لىگ خالىسىمۇ بۇنىڭدىن قايتالمايدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەتنىڭ بېشىغا كېلىشى ھىندىستانغا تەسلىم بولۇشلىرىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدۇ...»
ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىشتىن ئىلگىرى يوقلاپ بارغان تۇغقانلىرى ئارقىلىق قوللىغۇچىلىرىنى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدىن يىراق ھالدا قارشىلىق كۆرسىتىشكە چاقىرغان موللىنىڭ «ئىسلامىي ھەرىكەتنى مېنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشۈم بىلەن توختىتىپ قالغىلى بولمايدۇ. ئەكسىچە ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچەيگەن بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ دۇئا قىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن. ئاللاھقا مېنىڭ ھاياتىمنىڭ بەدىلىگە ئىسلامىي ھەرىكەتنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق ۋە مۇستەقىللىقىنى مۇھاپىزەت قىلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن.» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.
بىلدۈرۈلىشىچە، ئۆلۈم جازاسىغا ‹شېھىتلىك› دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئابدۇلقادىر موللا، «ھېچقانداق نەرسىنىڭ بۇنىڭدىن ياخشى بولالمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
موللىنىڭ قولغا ئېلىنىشى بىلەن باشلىنىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشىغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن نارازىلىق نامايىشلىرى، ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن بىردىنلا ئەۋج ئېلىپ كەتتى. توقۇنۇشلاردا ئونلارچە ئادەم ئۆلدى، نۇرغۇنلىغان ئىقتىسادىي زىيان كۆرۈلدى. باڭلادىشنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى قالايمىقانلاشتى. باڭلادىشنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەزىيىتىنىڭ تىنچىش ياكى تىنچىماسلىقى نۆۋەتتە سوتلىنىۋاتقان جامائەتى ئىسلامىي پارتىيەسى رەھبەرلىرىگە بېرىلىدىغان ھۆكۈملەرگە باغلىقتەكلا قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇنى كېلەچەك بەلگىلەيدۇ.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! يۇقىرىدا ‹كۈنتەرتىپتىكى شەخس› ناملىق سەھىپىمىز بويىچە 2013- يىلى 12- ئاينىڭ 12- كۈنى ئۆلۈم ھۆكۈمنامىسى دارغا ئېسىپ ئىجرا قىلىنغان باڭلادېش جامائەتى ئىسلامىي پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئابدۇلقادىر موللا بىلەن تونۇشۇپ چىقتۇق. ئالدىمىزدىكى ھەپتە 2014- يىلىنىڭ 11- يانۋار كۈنى ۋاپات بولغان ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئارىئېل شاروننىڭ ھاياتى ۋە دۇنيا ئەللىرىنىڭ شارون ھەققىدىكى رەڭدار قاراشلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز. كۆڭۈل قويۇپ تىڭشىغانلىقىڭلار ئۈچۈن رەھمەت!


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر