دۇنيادا ئىز قالدۇرغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۇلۇغ زاتلىرى - 3

77553
دۇنيادا ئىز قالدۇرغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۇلۇغ زاتلىرى - 3

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: 15– 16 – ئەسىرلەردە ياشاپ ئۆتكەن بولۇشىغا قارىماي، 19 – 20 – ئەسىرلەرگىچە ئەدەبىياتتىكى تەسىرى داۋاملىشىپ كەلگەن ۋە ھازىرمۇ مۇھىم ئىلمىي تەتقىقاتلارغا تېما بولۇۋاتقان ئەلشىر نەۋائى، 1441 – يىلى دۇنيادىكى مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى ۋە كۈنىمىزدە ئافغانىستانغا جايلاشقان ھىراتتا دۇنياغا كەلگەن. ئائىلىسى ئەينى دەۋردىكى ئەڭ باي ۋە ساناقلىق مۆتىۋەر ئائىلە ئىدى. نەۋائى باشلانغۇچ تەربىيەسىنى دادىسى غىياسىدىن باھادىرنىڭ يېنىدا ئالغان. كېيىنچە خۇراسان ۋە سەمەرقەندكە بېرىپ داۋاملىق ئوقۇغان.

بالىلىق يېشىدىن تارتىپلا بىلىم ئېلىشقا ۋە ئەدەبىياتقا ئىشتىياق باغلىغان نەۋائى، دۆلەت ئەرباپلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتقان ئىدى. نەۋائى دۆلەت ئىشلىرىدىن يىراق تۇرۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، شۇ ۋاقىتتىكى ھۆكۈمدارلار ئۇنىڭ بىلىمى ۋە چۈشەنچىلىرىدىن پايدىلىنىشنى ئارزۇ قىلغان. بۇ سەۋەبتىن، خۇراسان ۋە ماۋرائۇننەھىرنىڭ ھۆكۈمدارى سۇلتان ھۈسەيىن بايقارا ئۇنى يېنىغا تارتىپ، ۋەزىرلىككە تەيىنلىگەن.

ئېيتىشلارغا ئاساسلانغاندا، نەۋائى ۋەزىر ۋە ۋالىي بولغان مەزگىللىرىدە دۆلەتتىن مائاش ئالمىغان ۋە ھەر خىل ۋەقپىلەرنى ئېچىپ، دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئۆزىنىڭ ھەسسىنى قوشقان.

نەۋائى بىر مەزگىلدىن كېيىن، ئۆزىنىڭ تەتقىقاتلىرى، ئىلمىي ھەمدە ئەدەبىي ئەمگەكلىرىگە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن بولسىمۇ، ئىستېپاسى قوبۇل قىلىنماستىن ئەستىرابادقا ۋالىيلىققا تەيىنلىنىدۇ. 1490 – يىلى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشقا مۇۋەپپەق بولىدۇ. يىللارچە مول مەزمۇنلۇق تۇرمۇش كەچۈرۈپ، 1501 – يىلى كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ھىراتتا ئالەمدىن ئۆتىدۇ.

ئەلشىر نەۋائى مەھمۇت قەشقىرىدىن كېيىن، تۈرك تىلىغا چوڭ تۆھپە قوشقان كىشى سۈپىتىدە بىلىنىدۇ. ئانا تىلى بولغان تۈركچىدىن باشقا، پارسچە بىلەن ئەرەبچىنى پىششىق بىلىدىغان بۇ ئۇلۇغ شائىر، «مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەيىن» ناملىق ئەسىرىدە، تۈركچە بىلەن پارسچىنى ئۆز ئارا سېلىشتۇرۇپ، نۇرغۇن يەردە تۈركچىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىدۇ.

تۈركچە يازغان شېئىرلىرىدا «نەۋائى»، پارسچە يازغان شېئىرلىرىدا «پانى» دېگەن تەخەللۇس قوللانغان نەۋائى، بەش دانە «شېئىر دىۋانى» ۋە ئونلارچە ئەسەر يېزىپ قالدۇرغان.

ئەلشىر نەۋائى شەرق ئەۋەبىياتى، بولۇپمۇ دۇنيا تۈرك ئەدەبىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن كىشىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نەۋائى بىلەن بىر دەۋردە ياشاپ ئۆتكەن شائىرلاردىن باشقا، كېيىنكى دەۋرلەردە ياشىغان شائىرلار نەۋائىنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىغان بولۇپ، ئەسەرلىرى ئۇلارنىڭ ئىلھام مەنبەسىگە ئايلانغان. 15 – ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ شائىرى ئەھمەت پاشا، 16 – ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ شائىر فۇزۇلىمۇ نەۋائىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

كېيىنكى ۋاقىتلاردا نەۋائى شېئىرلىرىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى چۈشىنەلىشى ئۈچۈن ئونلارچە لۇغەت يېزىلىدۇ. بۇ خىل لۇغەتلەرنىڭ يېزىلىشىدا دۆلەت ئەرباپلىرىنىڭ قوللىشىنى ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، ئەلبەتتە.

ئىراندىكى تۈرك سۇلتانلىرىدىن بىرى بولغان نادىر شاھ، ناسىرەددىن شاھ ۋە ئوسمانلى پادىشاھى ياۋۇز سۇلتان سەلىم نەۋائىنىڭ ئەسەرلىرىنى زور قىزىقىش ۋە ھەۋەس بىلەن ئوقۇپ چىققان ھۆكۈمدارلار ھېسابلىنىدۇ. يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، نەۋائى شېئىرلىرىنى چاغاتاي تۈركچىسى بىلەن يازغان بولسىمۇ، تەسىرى پەقەت ئۇ ياشىغان رايون بىلەن چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى ئىران ۋە ئوسمانلى چېگرالىرىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن.

پۈتۈن ھاياتىنى تۈركچىنى تونۇتۇش، بېيىتىش ۋە كەڭ تارقىتىشقا ئاتىغان نەۋائى، تۈرك دۇنياسىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئەدەبىي شەخس ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ سايىسىدە چاغاتاي تۈركچىسى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرىنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىلى بولۇپ مۇھىم رول ئوينىغان.

نەۋائى شېئىر ئىجادىيىتىدىن باشقا، رەسىم سىزىش، مۇزىكا ۋە بىناكارلىق ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. ئۇ بۇ سەنئەت ساھەلىرىدە كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى قالدۇرغان. ئۇ بۇ جەھەتتە كۆپ ئىقتىدارغا ئىگە كىشىدۇر.

نەۋائىنىڭ ئەسەرلىرى غەرب ئالىملىرى ۋە تەتقىقاتچىلىرىنىڭمۇ تەتقىقات تېمىسىغا ئايلانغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى نۇرغۇنلىغان گېرمانىيە ئالىملىرى، ئەنگلىيە ۋە ھۇنگرىيە تۈركۈلوگلىرىنىڭ تىل ۋە ئەدەبىي نۇقتىدىن تەتقىق قىلىشىغا، ھەمدە مەدھىيەلەشلىرىگە ئېرىشكەن.

نەۋائىنىڭ «پەرھاد - شېرىن»، «لەيلى – مەجنۇن»، «سەددىي ئىسكەندەر» ۋە «تاھىر – زۆھرە» قاتارلىق ئەسەرلىرىنى، ئەڭ مەشھۇر ئەسەرلىرى ئىچىدىن ساناپ ئۆتۈشكە بولىدۇ.

پايدىلىنىلغان مەنبەلەر:

تارلان، ئەلى نىھات (1942)، ئەلشىر نەۋائى، ئىستانبۇل.

ئۆزجان، ھۈسەيىن، تۈرك دۇنياسىنىڭ ئالىمى ئەلشىر نەۋائى.

http://tr.wikipedia.org/wiki/Ali_%C5%9E%C3%AEr_Neva%C3%AE

http://www.xn--edebiyatgretmeni-twb.net/ali_sir_nevai.htm


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر