كانادا  ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى كۈرەش ئۈچۈن ئالاھىدە ۋەكىل تەيىنلىدى

كانادا ھۆكۈمىتى بۇ دۆلەتتىكى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان ھۇجۇم، ئىرقچىلىق، ئايرىمچىلىق ۋە دىنىي خۇشپېئىلسىزلىق قاتارلىق قىلمىشلارغا قارشى كۈرەش ئۈچۈن ئالاھىدە ۋەكىل تەيىنلىدى.

1938993
كانادا  ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى كۈرەش ئۈچۈن ئالاھىدە ۋەكىل تەيىنلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا،  كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى ۋە ژۇرنالىست ئامىرا ئېلگاۋابىنى «كانادانىڭ ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى كۈرەشنىڭ تۇنجى ئالاھىدە ۋەكىلى» قىلىپ تەيىنلىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئۇ، ئېلگاۋابىنىڭ بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشىنىڭ بۇ دۆلەتتىكى ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە ھەر خىل ئۆچمەنلىككە قارشى كۈرەشتە تاشلانغان مۇھىم بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «كۆپ خىللىق ھەقىقەتەن كانادانىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكلىرىنىڭ بىرى، ئەمما نۇرغۇن مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ئىسلام دۈشمەنلىكى ھەممىگە ئايان. شۇڭا، بۇنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك. دۆلىتىمىزدە ھېچكىم ئۆز ئېتىقادى تۈپەيلى ئۆچمەنلىككە دۇچ كەلمەسلىكى كېرەك.»

ترۇدو، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنى قوللايدىغانلىقىنى، بۇ دۆلەتتە ھەر قانداق شەكىلدىكى ئىسلام دۈشمەنلىكى، ئايرىمچىلىق ۋە ئۆچمەنلىكنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

2017-يىلى 29 – يانۋار كۈنى، مۇسۇلمانلار كانادانىڭ كۋېبېك شەھىرىدە بىر جامەدە ئىبادەت ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولغاندا بۇ جامەگە قوراللىق ھۇجۇم قىلغان ئالېكساندىر بىسسوننېت، 6 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن، 19 ئادەمنى يارىلانغاندۇرغانىدى.

2021-يىلى 6-ئىيۇن كۈنىمۇ، ئونتارىيو ئىشتاتىنىڭ لوندون شەھىرىدە، پىيادىلەر يولىدا كېتىۋاتقان مۇسۇلمان بىر ئائىلىنى قەستەن مىنىبۇسى بىلەن سوقۇۋەتكەن ناتانيەل ۋېلتمان، بىر ئائىلىدىن 15 ياشلىق بىر قىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ۋە 9 ياشلىق بىر ئوغۇل بالىنى ئېغىر يارىلانغاندۇرغانىدى.

كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو، بۇ ھۇجۇمنى «تېررورلۇق ھۇجۇمى» دەپ ئاتىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر