غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ قەتلىئاملىرىدا ئۆلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 36 مىڭ 171 گە يەتتى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەتلىئاملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 75 ئادەم كۆپىيىپ، 36 مىڭ 171 گە يەتتى.

2146109
غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ قەتلىئاملىرىدا ئۆلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 36 مىڭ 171 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇدا 236 كۈندىن بۇيان غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەتلىئاملىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە غەززەنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا يۈرگۈزگەن 6 قېتىملىق قەتلىئاملىرى داۋامىدا يەنە 75 پەلەستىنلىكنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە 284 پەلەستىنلىكنىڭ يارىلانغانلىقى بايان قىلىندى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەتلىئاملىرىدا قازا قىلغانلار سانىنىڭ 36 مىڭ 171 گە، يارىلانغانلار سانىنىڭ 81 مىڭ 420 گە يەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

مىنىستىرلىقنىڭ يەنە بىر باياناتىدا، تەل ئەسسۇلتان مەھەللىسىگە جايلاشقان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تۇغۇت دوختۇرخانىسىنىڭ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ رەفاھ شەھىرىدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن، ھەم مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشتە ھەم يارىدارلار بىلەن داۋالاش ئەترەتلىرىنىڭ دوختۇرخانىغا بېرىشتا زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

غەززەدىكى سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئەشرەف ئەلقۇدرا بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ رەفاھ شەھىرى ۋە غەززە رايونىنىڭ شىمالىدىكى سەھىيە مۇلازىمىتىنى قەستەن ۋەيران قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بەزى رايونلارنىڭ <بىخەتەر> ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ھالبۇكى، ئىشغالچى ئىسرائىلىيە مەۋاسى رايونلىرىنىڭ بىخەتەر ئىكەنلىكى مەسىلىسىدە پۈتكۈل دۇنيانى ئالدىماقتا، بۇ رايونلاردا دەھشەتلىك قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمەكتە.»

 قۇدرا خەلقئارا جەمئىيەتنى رەفاھ شەھىرى ۋە غەززە رايونىنىڭ شىمالىنى دالا دوختۇرخانىسى ھەمدە داۋالاش ئەترەتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە، غەززەگە يېقىلغۇ ۋە داۋالاش ياردىمى بېرىش ئۈچۈن بىخەتەر كارىدور ئېچىشقا چاقىردى.

ئۇ يەنە، ئىسرائىلىيەنىڭ داۋالاش ئەترەتلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىغا قاراتقان ھۇجۇم تەھدىتلىرىنىڭ توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر