ئىنستاگرام <Instagram> نىڭ 30 مىليوندىن ئارتۇق ئابونتى غەززەنى قوللاپ بىرلەشتى

رەسىم ۋە سىنلار ھەمبەھىرلىنىدىغان دىجىتال مۇنبەر ھېسابلىنىدىغان ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى ئىنستاگرام (Instagram) نىڭ 30 مىليوندىن ئارتۇق ئابونتى، ئىنستاگرامدا غەززەگە قارىتا يولغا قويۇلغان چەكلەشلەرگە قارشى بىرلەشتى.

2145849
ئىنستاگرام <Instagram> نىڭ 30 مىليوندىن ئارتۇق ئابونتى غەززەنى قوللاپ بىرلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىنستاگرامنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى 30 مىليوندىن ئارتۇق ئابونتى ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ رەفاھ شەھىرىدە ئۆي ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەن پاناھلانغۇچى پەلەستىنلىكلەرنىڭ لاگېرلىرىغا قىلغان ۋەھشىيانە ھۇجۇمىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن سۈنئىي ئەقىل سىزغان كۆرۈنۈشلەرنى ھەمبەھىرلىدى.

ئىنستاگرام ئابونتلىرى سۈنئىي ئەقىل سىزغان «بارلىق كۆزلەر رەفاھتا» دەپ يېزىلغان بىر رەسىمنى ھەمبەھرلىدى.

ئىنستاگرام غەززەدىكى قىرغىنچىلىقنى ئاشكارىلايدىغان مەزمۇنلارنى چەكلەش بىلەن ئەيىبلەندى.

ئىنستاگرام باياناتچىسى زوراۋانلىقنى مەزمۇن قىلغان بەزى ئۇچۇرلارنىڭ ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر