ئامېرىكانىڭ يېڭى مېكسىكا ئىشتاتىدا F-35 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

ئايروپىلان ياساش شىركىتى لوكخىد مارتىننىڭ باياناتچىسى تېكساستىن كالىفورنىيەگە قاراپ ئۇچقان «F-35» تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2145924
ئامېرىكانىڭ يېڭى مېكسىكا ئىشتاتىدا F-35 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لوكخىد مارتىن شىركىتىنىڭ باياناتچىسى بىر «F-35» تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ يېڭى مېكسىكادىكى كىرتلاند ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا ماي قاچىلىغاندىن كېيىن، ئۆز يۆلىنىشىدە كېتىۋېتىپ ئالبۇكېرك خەلقئارا سانپورت ئايرودۇرۇمىغا يېقىن جايدا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

باياناتچى نەق مەيدانغا داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى، ئۇچقۇچىنىڭ دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىنغانلىقىنى ۋە ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇ، ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر