سەئۇدى ئەرەبىستان 6 ئىران مۇخبىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى

سسەئۇدى ئەرەبىستان ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ 6 مۇخبىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى.

2146041
سەئۇدى ئەرەبىستان 6 ئىران مۇخبىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەىسى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ھەج ئىشلىرى ۋاكالەتخانىسىدا ئىشلەيدىغان مۇخبىرلارنىڭ تۈنۈگۈن (28-ماي) كەچتە چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 4 مۇخبىر ئالدىنقى ھەپتە مەدىنەدىكى مەسجىدى نەبەۋى (پەيغەمبەر مەسجىدى) دە سۈرەتكە ئېلىۋاتقاندا قولغا ئېلىنغان ۋە بىر نەچچە سائەت سوراق قىلىنغاندىن كېيىن، تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ئېلىپ بېرىلغان.

ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستان ساقچىلىرى ئىرانلىق ھاجىملار چۈشكەن مېھمانخانىدا ئۆتكۈزۈلگەن دىنىي مۇراسىمغا قاتناشماقچى بولغان ئىككى مۇخبىرنى قولغا ئالغان.

ئىراننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ھەج ئىشلىرى ۋاكالەتخاناسىدا ئىشلەۋاتقان بۇ مۇخبىرلار، تۈنۈگۈن سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغان.

ئالدى بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەي شەھىرىگە ئەۋەتىلگەن، بۈگۈن (29-ماي) ئەتىگەن تەرەپلەردە ئىراننىڭ پايتەختى تېھرانغا يېتىپ بارغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋالغان ئىران رادىئو-تېلېۋىزىيە ئورگىنى (IRIB) نىڭ رەئىسى پەيمان جەبەللى، مۇخبىرلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇشى ۋە چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە ئۆزىگە مەلۇمات بېرىلمىگەنلىكىنى ئېيتقان.

جەبەللى بۇ مەسىلىنىڭ قانۇنىي جەھەتتىن سۈرۈشتە قىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر