گېرمانىيە ئۇكرائىنانىڭ غەرب قوراللىرى بىلەن رۇسىيەگە ھۇجۇم قىلىشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ غەربتە ياسالغان قوراللار بىلەن رۇسىيەگە ھۇجۇم قىلىشىغا قارشى ئىكەنىلىكىنى بىلدۈردى.

2144446
گېرمانىيە ئۇكرائىنانىڭ غەرب قوراللىرى بىلەن رۇسىيەگە ھۇجۇم قىلىشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز ئۇكرائىناغا بېرىلگەن گېرمانىيە قوراللىرىنى ئىشلىتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە ھازىرچە ھېچقانداق سەۋەب يوقلۇقىنى تەكىتلەپ، قورال بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدا ئۇكرائىنا بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىم ۋە قائىدە-پىرىنسىپلارنىڭ  بارلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ غەربتە ياسالغان قوراللار بىلەن رۇسىيەگە ھۇجۇم قىلىشىغا قارشى ئىكەنىلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بېرلىننىڭ كىيېۋ سىياسىتى، 2022-يىلدىن بۇيان رۇسىيە بىلەن داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشنىڭ دۇنيا ئۇرۇشىغا ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ» دېدى.

رۇسىيە ناتو دۆلەتلىرىگە ئۇكرائىناغا قىلىۋاتقان قورال-ياراغ يادەملىرى توغرىسىدا نوتا تاپشۇرغان بولۇپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ «ئوت بىلەن ئوينىشىۋاتقانلىقى» ئەسكەرتكەن ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر