لاۋروۋ: غەرب ئادىل سۆھبەت ئۆتكۈزشنى رەت قىلىۋاتىدۇ

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈستىدە توختالغاندا، غەربنىڭ «ئادىل» سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى رەت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بىز ھېچكىم بىلەن مەخپىي سۆھبەت ئۆتكۈزمەيمىز» دېدى.

2155655
لاۋروۋ: غەرب ئادىل سۆھبەت ئۆتكۈزشنى رەت قىلىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، لاۋروۋنىڭ بېلارۇسىيەنى زىيارەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

سېرگېي لاۋروۋ بېلارۇسىيە زىيارىتىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي ئالېينىك بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ «غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ پەيدا بولۇشىغا ۋە ياۋروپادىكى خەۋپسىزلىك سىستېمىسىنىڭ يىمىرىلىشىغا سەۋەب بولغان ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلەيدىغانلىقلىرى» نى بىلدۈرۈپ، ياۋرو-ئاسىيا رايونىدا باراۋەر ۋە پارچىلانمايدىغان بىخەتەرلىك بىناكارلىقىنى بەرپا قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ: «غەرب ئۇكرائىنادا ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت باشلىغاندىن تارتىپ (2022-يىلى فېۋرال) مەسىلىنى سىياسىي ۋە دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىش تىرىشچانلىقلىرى، كېڭەيتىلگەن قورال بىلەن تەمىنلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئېلان قىلغان ۋە يولغا قويغان ھەممە نەرسە، رۇسىيەگە قارشى ئۇلتىماتوم خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ۋلادىمىر پۇتىن 14-ئىيۇن ئېلان قىلغان <ئۇكرائىنا ھەربىي قىسىملىرىنى دونېتسك، لۇخانسك، خېرسون ۋە زاپورىژيادىن چېكىندۈرگەن، ناتوغا ئەزا بولۇشتىن ۋاز كەچكەن ئەھۋالدا كىيېۋ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ باشلىنىشى مۇمكىنلىكى> تەكلىپى قارشى ئېلىنمىدى» دېدى.

ئۇ ئۇكرائىنا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغاندا: «ھېچكىم بىلەن مەخپىي سۆھبەت ئۆتكۈزمەيمىز. غەرب ئادىل سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى رەت قىلىۋاتىدۇ» دېدى.

بېلارۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالېينىك غەربنىڭ بېلارۇسىيە بىلەن رۇسىيەگە قارشى قانۇنسىز ھالدا ئېمبارگو يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا مۇۋاپىق جاۋاب قايتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر