ب د ت: «غەززە يەر يۈزىدىكى جەھەننەم»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمى ئاستىدىكى غەززە رايونىنىڭ «يەر يۈزىدىكى جەھەننەم» ئىكەنلىكىنى ۋە تۈنۈگۈن رافاھتىن كەلگەن كۆرۈنۈشلەرنىڭ بۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2144662
ب د ت: «غەززە يەر يۈزىدىكى جەھەننەم»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت پەلەستىنلىك پاناھلانغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش ئورگىنى (UNRWA) نىڭ باياناتىدا، ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە رافاھ شەھىرىدىكى ئۆي – ماكانسىز پەلەستىنلىكلەرنىڭ لاگېرىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنىڭ ئىنتايىن قوقۇنچلۇق ئىش بولغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا، رافاھتىكى ھۇجۇمدا ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەر كەلگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، «غەززە يەر يۈزىدىكى جەھەننەمدۇر، تۈنۈگۈن كەچتىكى (رافاھقا تەۋە كۆرۈنۈشلەر) بۇنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى بولدى»  دېيىلدى.

باياناتتا غەززەدە بىخەتەر جاي قالمىغانلىقى، ھېچكىمنىڭ بىخەتەر ئەمەسلىكى ۋە رايوندىكى ب د ت پەلەستىنلىك پاناھلانغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش ئورگىنى (UNRWA)  نىڭ خادىملىرى بىلەنمۇ ئالاقە لىنىيەسىنىڭ ئۈزۈپ تاشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا: «بىز ب د ت پەلەستىنلىك پاناھلانغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش ئورگىنى (UNRWA)  نىڭ خادىملىرى جايلاشقان ئورۇننىمۇ جەزملەشتۈرەلمەيۋاتىمىز. ئۇلار ۋە رايوندا مەجبۇرىي سۈرگۈن قىلىنغان يەرلىك پاناھلانغۇچىلاردىن ئىبارەت بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقى توغرىسىدا ئىنتايىن ئەدىشە ئىچىدىمىز» دېيىلدى.

خەلقئارا سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۇجۇمنى توختىتىش قارارىغا پىسەنت قىلماستىن، تۈنۈگۈن ئىسرائىلىيە غەززە رايونىنىڭ رافاھ شەھرىدە ئۆي – ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي سۈرگۈن قىلىنغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ چېدىرلىرىنى بومباردىمان قىلغان بولۇپ، دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، 40 پەلەستىنلىكنىڭ ھۇجۇمدا قازا قىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر