ئىسرائىلىيە – ھاماس تىنچلىق سۆھبىتى فىرانسىيەدە باشلاندى

ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (ھاماس) ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىش مۇزاكىرىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئۆزئارا ئەسىر ئالماشتۇرۇش نىشان قىلىنغان تىنچلىق سۆھبىتى تۈنۈگۈن فىرانسىيەدە باشلاندى.

2144045
ئىسرائىلىيە – ھاماس تىنچلىق سۆھبىتى فىرانسىيەدە باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى (KAN) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى (موسساد) نىڭ باشلىقى دەيۋىد بارنېئا، تېل ئاۋىۋ ھۆكۈمىتى بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدىكى ئەسىر ئالماشتۇرۇش مۇزاكىرىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەقسىتىدە، فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭ باشلىقى ۋىليام بۇرنس ۋە قاتار تاشقى ئىشلار ۋەزىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان ئالسانى بىلەن كۆرۈشكەن.

خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، بارنېئا، بۇرنس ۋە ئالسانى پارىژدىكى ئۇچرىشىشلىرى داۋامىدا، تېل ئاۋىۋ بىلەن ھاماسنى ئەسىر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن يېڭى كېلىشىم تۈزۈشكە تەشۋىق قىلىش مەقسىتىدە،  ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ ئاساسىنى تۇرغۇزۇشقا تىرىشىدىكەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر