رۇسىيە ئىسرائىلىيەنى خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىردى

رۇسىيە ئىسرائىلىيەنى «غەززەدىكى قان تۆكۈلۈشنى توختىتىپ، پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك سۆھبەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ۋە خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا» چاقىردى.

2143676
رۇسىيە ئىسرائىلىيەنى خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا پايتەخت موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ھەپتىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا توختالدى.

زاخاروۋا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرى توغرىسىدا توختىلىپ: «ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنى غەززەدىكى قان تۆكۈلۈشنى توختىتىشقا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ۋە ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 1967-يىلىدىكى چېگرالارنى ئاساس، شەرقىي قۇددۇسنى پايتەخت قىلىدىغان مۇستەقىل پەلەستىن قۇرۇش توغرىسىدىكى قارارلىرىغا ئاساسەن، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنى تىنچ ئۇسۇلدا ھەل قىلىش سۆھبەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ۋە خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىمىز» دېدى.

زاخاروۋا ئىرېلاندىيە، ئىسپانىيە ۋە نورۋېگىيەنىڭ پەلەستىننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىش قارارىغا باھا بېرىپ: «بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ غەززەدە يۈز بەرگەن پاجىئەلىك ۋەقەلەر، مىڭلارچە پۇقرانىڭ ئۆلۈمى ۋە مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىغا ئىنكاس قايتۇرالماي تۇرالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى.

«ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ رايوندىكى دۆلەتلەرگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى» نى ئوتتۇرىغا قويغان زاخاروۋا: «خەلقئارا جەمئىيەت ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىق ئورنىتىشنىڭ تەخىرسىزلىكىگە بارغانسېرى ئىشىنىۋاتىدۇ. بۇ چوقۇم ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش فورمۇلاسىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى كېرەك» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر