رەئىسىنىڭ مېيىتى يەرلىككە قويۇلدى

تىك ئۇچار ۋەقەسىدە جېنىدىن ئايرىلغان ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسىنىڭ مېيىتى مەشھەدتىكى ئىمام رىزا قەبرىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدىن كېيىن يەرلىككە قويۇلدى.

2143610
رەئىسىنىڭ مېيىتى يەرلىككە قويۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىبراھىم رەئىسىنىڭ مېيىتى تەبرىز، قۇم، تېھران ۋە بىرجەند شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ۋىدالىشىش مۇراسىملىرىدىن كېيىن، تۈنۈگۈن (23-ماي) مەشھەد شەھىرىگە ئېلىپ كېلىنىپ يەرلىككە قويۇلدى.

ئىبراھىم رەئىسى 19-ماي (2024) ئەزەربەيجان چېگراسىدىكى سۇ توسمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ قايتىۋاتقىنىدا، شەرقىي ئەزەربەيجان ئىشتاتىدا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى. رەئىسىگە ھەمراھ بولغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىياننىڭ مېيىتى رەي شەھىرىدە يەرلىككە قويۇلدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر