ھىندىستاندا پارتلاش يۈز بېرىپ 9 ئادەم قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ ماخاراشتىرا ئۆلكىسىدىكى بىر زاۋۇتتا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئوت ئاپىتىدە، 9 ئادەم قازا قىلدى.
2143788
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تانې رايونىنىڭ ئەمەلدارى ساچىن سېجالنىڭ ھىندىستاننىڭ «Press Trust of India» ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، خىمىيەلىك ماددا ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنىڭ پار قازىنىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ئوت ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ۋەقەدە، 9 كىشى قازا قىلغان، 64 كىش يارىلانغان.
ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرى ئوت ئاپىتىنى كونترول ئاستىغا ئالغان بولۇپ، پارتلاش سەۋەبىنى تەكشۈرۈش باشلانغان.