ب د ت خىتاي بىلەن تەيۋەننى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ كىمگە تەۋە ئىكەنلىكى مەسىلىسىدە ئىختىلاپلىق «تەيۋەن ئارىلى» ۋە ئەتراپىدا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە باشلىغاندىن كېيىن، خىتاي بىلەن تەيۋەننى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىردى.

2143744
ب د ت خىتاي بىلەن تەيۋەننى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باياناتچىسى ستېفان دۇجاررىك كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ «تەيۋەن بوغۇزى» دىكى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ھەرقايسى تەرەپلەرنى رايوندىكى جىددىيچىلىكنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇۋېتىدىغان قەدەملەردىن ساقلىنىشقا چاقىرىمىز.»

ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىتاي مەسىلىسىدە، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 1971-يىلدىكى قارارىغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

خىتاي تەيۋەننىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى لەي چىڭدې ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، «تەيۋەن ئارىلى» ۋە ئەتراپىدا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر