ئامېرىكادا كۈندىلىك نەشە چېكىش نىسبىتى ھاراق ئىچىش نىسبىتىدىن ئېشىپ كەتتى

كارنىگى مېللون ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەملىكەتلىك زەھەرلىك چېكىملىك ​​چېكىش ۋە ساغلاملىق تەكشۈرۈشىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكا مىقياسىدىى كۈندىلىك نەشە چېكىش نىسبىتى بىلەن ھاراق ئىچىش نىسبىتى تەتقىق قىلىندى.

2143303
ئامېرىكادا كۈندىلىك نەشە چېكىش نىسبىتى ھاراق ئىچىش نىسبىتىدىن ئېشىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 1979 - يىلدىن 2022-يىلغىچە بولغان سانلىق مەلۇماتلار مەنبە قىلىنغان تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، نەشە چېكىش 1992 – يىلى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە بولغان.

1992-يىلدىن 2022-يىلغىچە بولسا، كۈندىلىك نەشە چىكىش نىسبىتى 15 ھەسسە ئاشقان.

كۈندىلىك قاراق ئىچىش نىسبىتى 1992 - يىلى نەشە چىكىدىغانلادىن 10 ھەسسە ئاز بولۇپ، 2022 - يىلدىكى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكادا ھەر كۈنى دېگۈدەك نەشە چىكىدىغانلارنىڭ سانى  تەخمىنەن 17 مىليون 700 مىڭغا يەتكەن. ھەر كۈنى دېگۈدەك ھاراق ئىچىدىغانلارنىڭ سانى تەخمىنەن 14 مىليون 700 مىڭغا چۈشكەن.

سانلىق مەلۇماتلار توپلىنىشقا باشلانغان 1979-يىلدىن بۇيان كۈندىلىك نەشە چىكىش نىسبىتى تۇنجى قېتىم 2022 - يىلى ھاراق ئىچىش نىسبىتىدىن ئېشىپ كەتكەن.

بۇ تەتقىقات نەتىجىسى «خۇمار» <Addiction> ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر