ئىسرائىلىيە غەربىي قىرغاقتا ۋەھىمە پەيدا قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى زۇلۇملىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

2154194
ئىسرائىلىيە غەربىي قىرغاقتا ۋەھىمە پەيدا قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ غەربىي قىرغاقنىڭ بەيتلەھەم رايونىدىكى ھۇجۇملىرىدا 39 ياشلىق بىر پەلەستىنلىك قازا قىلدى، نۇرغۇن پەلەستىنلىك يارىلاندى.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى قەلئە شەھىرىگە قاراتقان ھۇجۇمىدا تۆت كىشىگە ئوق چىقاردى؛ ئىگىلىنىشىچە، ئوق تېگىپ يارىلانغانلارنىڭ بىرى بالا ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تۇلكەرىم، نابلۇس ۋە ئەلخەلىل شەھەرلىرىدىمۇ نۇرغۇن پەلەستىنلىكنى يارىلاندۇرغان.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيانقى غەربىي قىرغاق ۋە شەرقىي قۇددۇسقا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا 549 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر