ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشى داۋام قىلماقتا

ئىسرائىلىيەلىكلەر باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

2154206
ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشى داۋام قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەربىي قۇددۇستىكى ئىسرائىلىيە پارلامېنتى — كنېسېتنىڭ ئالدىغا توپلانغان مىڭلارچە نامايىشچى، بېنيامىن نېتانياھۇ رەھبەرلىكىدىكى ئاشقۇن ئوڭچىل بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ ئستېپا بېرىشى ۋە مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيەلىك نامايىشچىلار نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنى غەززەدىكى ئەسىرلەرنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ھېچقانداق تىرىشچانلىق كۆرسەتمىدى، دەپ قارايدىكەن.

«ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى قوبۇل قىلىڭلار»، «دەرھال سايلام ئۆتكۈزۈڭلار»، «سەن باش مىنىستىر، سەن گۇناھكار» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋالغان نامايىشچىلار، ھۆكۈمەتكە قارشى شوئارلارنى توۋلىدى.

غەربىي قۇددۇس بىلەن بىرلىكتە، پايتەخت تېل ئاۋىۋدىكى ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئالدىدىمۇ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر