ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى ۋاررېن نېتانياھۇغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئامېرىكانىڭ ماسساچۇسېتس ئىشتاتى پالاتا ئەزاسى ئېلىزابېت ۋاررېن، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ «ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئاپەت پەيدا قىلغانلىقى»نى، شۇڭا ئۇنىڭ 24-ئىيۇل پالاتادىكى نۇتۇقىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2154209
ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى ۋاررېن نېتانياھۇغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋاررېن مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «باش مىنىستىر نېتانياھۇ ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئاپەت پەيدا قىلدى، ئۇ يەنە ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ ھەمدە پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بېكىتپ، ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاپ ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش سىياسىتىنى قوللىمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى» دېدى.

«بىز ئۇرۇش توختىتىشقا موھتاج، بىز ئۇ ئەسىرلەرنى قايتۇرۇپ كېلىشىمىز كېرەك» دېگەن دېدى دېموكراتچىلار پارتىيەسى كېڭەش پالاتا ئەزاسى ۋاررېن، غەززەگە كېرەكلىك ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنىڭ يەتكۈزۈلۈپ بېرىلىشىنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماسنى سۆھبەت ئۈستىلىدە ئولتۇرۇپ، تىنچ ھەل قىلىش چارىسى تېپىشقا يېتەكلەش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش پوزىتسىيەسى بىلەن تونۇلغان ۋە غەززە سىياسىتى سەۋەبىدىن ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنى تەنقىد قىلغان ۋېرمونت مۇستەقىل پالاتا ئەزاسى بېرنىي ساندېرس، نېتانياھۇنىڭ «ئۇرۇش جىنايەتچىسى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇ سۆزلەيدىغان دۆلەت مەجلىسى يىغىنىغا «قەتئىي قاتناشمايدىغانلىقى»نى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر