ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 37 مىڭ 396 گە يەتتى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان غەززە ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 37 مىڭ 396 گە يەتتى.

2154212
ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 37 مىڭ 396 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ 257 كۈندىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان غەززە ھۇجۇملىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتقا قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدىكى غەززەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا يەنە، 24 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان، 71 پەلەستىنلىك يارىلانغان.

باياناتقا قارىغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 37 مىڭ 396 گە، يارىلانغانلار سانى 85 مىڭ 523 كە يەتكەن.

باياناتتا يەنە، خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدا ۋە يول بويلىرىدا قازا قىلغان كىشىلەرنىڭ بارلىقى، ئەمما ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ توسالغۇسى سەۋەبىدىن، داۋالاش ئەترىتى ۋە خەلق مۇداپىئە خادىملىرىنىڭ جەسەتلەرنى يۆتكىيەلمەيۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر