پاشىنيان: ئەرمەنلەر <تارىخىي ئەرمېنىيە>نى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارزۇسىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك

ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان ئەرمەنلەرنىڭ «تارىخى ئەرمېنىيە»نى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارزۇسىدىن ۋاز كېچىشى كېرەكلىكىنى، دۆلىتىنىڭ ھازىر ئەرمەنلەر ياشاۋاتقان 29 مىڭ 743 كىۋادرات كىلومېتىردىن تەركىب تاپىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2143312
پاشىنيان: ئەرمەنلەر <تارىخىي ئەرمېنىيە>نى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارزۇسىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر پاشىنيان ئەرمېنىيە پارلامېنتىدا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى؛ ئۇ ئەرمەنلەرنىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلالايدىغان دۆلەت تەسەۋۋۇرىنى ھازىرغىچە ئوتتۇرىغا قويالمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

1991-يىلى مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان ئەرمېنىيەنىڭ، 20 يىلدىن كېيىن دۆلىتىنىڭ قايسى نۇقتىغا يېتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىرەر پىروگرامما تۈزۈپ چىقالمىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان پاشىنيان، بۇ مەسىلىنىڭ يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ئەرمېنىيەنىڭ <رېئال ئەرمېنىيە تەسەۋۋۇرى>غا موھتاج ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ ئەرمېنىيەنىڭ ئىجتىمائىي پىسىخولوگىيەدىكى  ساقلىنىۋاتقان ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىنىڭ «قولدىن كەتكەن ئەرمېنىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز ۋەتەن ئىچىدە ۋەتەن ئىزدەۋاتىمىز. بىزنىڭ سىياسىي ئۇچۇرىمىز مانا بۇ. ھۆرمەتلىك پۇقرالار، ئەرمېنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆرمەتلىك پۇقرالىرى! بىز <تارىخىي ئەرمېنىيە>نى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارزۇيىمىزدىن ۋاز كېچىشىمىز كېرەك؛ چۈنكى بىز بۇ ئانا ۋەتەنگە ئىگە بولدۇق. بۇ ئانا ۋەتەن 29 مىڭ 743 كىۋادرات كىلومېتىر ئىگىلىك ھوقۇقلۇق زېمىندىن تەركىب تاپقان ئەرمېنىيە جۇمھۇرىيىتىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر