خىتاي تەيۋەن ئەتراپىدا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى

بېيجىڭ، خىتاي بىلەن بولغان ئىگىلىك ھوقۇق تالاش-تارتىشى داۋام قلىۋاتقان تەيۋەننىڭ يېڭى رەھبىرى لەي چىڭدې ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، تەيۋەن ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى.

2143222
خىتاي تەيۋەن ئەتراپىدا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ئارمىيەسى شەرقىي فىرونت قوماندانلىق ئىشتابى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ تەيۋەن بوغۇزى، تەيۋەن ئارىلىنىڭ شىمالى، جەنۇبى ۋە شەرقىي رايونلىرى بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇققا يېقىن يەردىكى كىنمېن، ماتسۇ، ۋۇچى ۋە دوڭيىن ئاراللىرى ئەتراپىدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

خىتاي ئارمىيەسى شەرقىي فىرونت قوماندانلىق ئىشتابى باياناتچىسى لى شى، مانېۋىرنىڭ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى يولىدىكى ھەرىكەتلەرنى جازالاش ۋە چەت ئەل كۈچلىرىنى (تەيۋەن مەسىلىسىگە) ئارىلاشماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش»نى نىشان قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

باياناتتا، ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان «بىرلەشمە قىلىچ -2024A» ناملىق ھەربىي مانېۋىرغا قۇرۇقلۇق، ھاۋا، دېڭىز ۋە راكېتا قىسىملىرىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقى، مانېۋىر جەريانىدا، «بىرلەشمە دېڭىز-ھاۋا ئۇرۇش تەييارلىقى چارلاش پائالىيەتلىرى، بىرلەشمە جەڭ مەيدانىنى قولغا كىرگۈزۈپ تىزگىنلەش ۋە نۇقتىلىق نىشانلارغا بىرلىشىپ زەربە بېرىش مەشىقلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى» قەيت قىلدى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، مانېۋىردا «چارلاش ماشىنىلىرى دىققىتىنى تەيۋەن ئارىلى ئەتراپىدىكى رايونلارغا مەركەزلەشتۈرىدىكەن، ھەر قايسى قىسىملارنىڭ ھەقىقىي جەڭ قىلىش ئىقتىدارى ئاراللار زەنجىرى ئىچى-سىرتىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بىرلەشمە ھەرىكەتلەر» ئارقىلىق سىناق قىلىنىدىكەن.

تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا <خىتاي ئارمىيەسىنىڭ مانېۋىر ئۇقتۇرۇشى>نى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلىپ: «بىز توقۇنۇشنىڭ كويىدا ئەمەسمىز، ئەمما توقۇنۇشتىن قاچىدىغان ھالىمىزمۇ يوق. بىزنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزنى قوغداشقا بولغان ئىشەنچىمىز كامىل» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تەيۋەن ئەتراپىدا قورشاۋ شەكىللەندۈرگەن مانېۋىر، ئارالدىكى ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى سايلانغان رەھبىرى لەي چىڭدېنىڭ 20-مايدىكى قەسەم بېرىپ، ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلدى.

13-يانۋار تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلغان ھاكىمىيەت بېشىدىكى دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسى نامزاتى لەي چىڭدې، مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا قەسەم بېرىپ، ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالغانىدى.

لەي پىرېزىدېنت سۈپىتىدە قىلغان تۇنجى سۆزىدە، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى بۇرۇنقى ھالەتنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينى تەيۋەنگە ھەربىي جەھەتتىن تەھدىت سېلىشنى توختىتىشقا چاقىرغانىدى.

تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكنى قوغداش بىلەن بىرگە ھازىرقى ھالەتنى ساقلاپ قېلىشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن لەي چىڭدې سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن، خىتاي (تەيۋەن) جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۈتۈن ئىگىلىك ھوقۇقى خەلقنىڭدۇر. خىتاي جۇمھۇرىيىتى بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىر-بىرىنىڭ بويۇنتۇرۇقىدا ئەمەس» دېگەنىدى.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى لەي چىڭدېنىڭ تەيۋەن مۇستەقىللىقنىڭ كويىغا كىرىدىغانلىقىنىڭ «خەتەرلىك سىگنالى»نى بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تەنقىد قىلغانىدى.

خىتايدا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، جياڭ كەيشى رەھبەرلىكىدىكى خىتاي مىللەتچى پارتىيەسى (گومىنداڭ) بىلەن ماۋزېدۇڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي كومپارتىيەسى كۈچلىرى ئارىسىدا چىققان ئىچكى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان كوممۇنىستلار، 1949-يىلى 1-ئۆكتەبىر خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

ئىچكى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان مىللەتچى خىتايلار 1912-يىلى قۇرۇلغان «خىتاي جۇمھۇرىيىتى»نىڭ ھاكىمىيەت ئاپپاراتلىرىنى تەيۋەنگە يۆتكىگەن ئىدى.

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۆزىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تەيۋەن، 1949-يىلدىن بېرى ئەمەلىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بىر مۇستەقىل دۆلەت سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىپ كەلمەكتە.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەيۋەنگە قاراتقان بېسىمىنى كۈچەيتكەن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، تەيۋەننىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن قايتىدىن بىرلىشىشى ئۈچۈن زۆرۈر تېپىلغاندا كۈچ ئىشلىتىشتىن يانمايدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر