ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن مولدوۋا بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئىمزالىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن مولدوۋا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى.

2142877
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن مولدوۋا بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نىسبەتەن بىر يېڭىلىق ھېسابلىنىدىغان مەزكۇر كېلىشىمنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل بىلەن مولدوۋا باش مىنىستىرى دورىن رېيسېيان ئىمزالىدى.

بوررېل بايانات بېرىپ: «مولدوۋا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان تۇنجى دۆلەت. بۇ ھەمكارلىق دۆلەتنىڭ كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، بىخەتەرلىك تەھدىتلىرىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشىمىزغا، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يېڭى ساھەلەردە ھەمكارلىقلارنى ئورنىتىشىمىزغا ۋە باشلىشىمىزغا كاپالەتلىك قىلىدۇ» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنە، ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ۋىلنيۇستا ماقۇللانغان 7 دۆلەت گۇرۇھى خىتابنامەسىنىڭ داۋامى سۈپىتىدىكى بىر بىخەتەرلىك كېلىشىمى تۈزۈشكە تەييارلىق قىلماقتا. گېرمانىيەنىڭ «Welt am Sonntag» گېزىتى، بۇ كېلىشىمنىڭ 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تاماملىنىشىنىڭ پىلانلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر