ئىسرائىلىيە ئىرېلاندىيە بىلەن نورۋېگىيەدىكى باش ئەلچىلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىشىنى قارار قىلدى

ئىسرائىلىيە پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىرېلاندىيە بىلەن نورۋېگىيەدىكى باش ئەلچىلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىشىنى قارار قىلدى.

2142716
ئىسرائىلىيە ئىرېلاندىيە بىلەن نورۋېگىيەدىكى باش ئەلچىلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىشىنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يىسرائىل كاتزنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ دۇبلىن ۋە ئوسلودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرىنى بەزى مەسىلىلەرنى كېڭىشىش ئۈچۈن، «دەرھال» ئىسرائىلىيەگە قايتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، باش ئەلچىلەرنىڭ ئىرېلاندىيە بىلەن نورۋېگىيە پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن چاقىرىلغانلىقى تەكىتلەندى.

ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاتز، ئەگەر ئىسپانىيە پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشنى قارار قىلسا، مادرىدتىكى باش ئەلچىنىڭمۇ قايتۇرۇپ كېلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىرېلاندىيەدىن كېيىن، نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىىى بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا قانۇن ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قارارلىرىغا ئاساسەن، پەلەستىننى  ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېزمۇ دۆلىتىنىڭ 28-ماي پەلەستىن دۆلىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر