ئىسرائىلىيە جەنىن پاناھلانغۇچىلار لاگېرىغا ھۇجۇم قىلىپ 8 پەلەستىن پۇقراسىنى شېھىت قىلدى

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاققا جايلاشقان جەنىن پاناھلانغۇچىلار لاگېرىغا قىلغان ھۇجۇمدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 8 گە يەتتى.

2142625
ئىسرائىلىيە جەنىن پاناھلانغۇچىلار لاگېرىغا ھۇجۇم قىلىپ 8 پەلەستىن پۇقراسىنى شېھىت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن قىزىلئاي جەمئيىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، قىزىلئاي جەمئىيىتى جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ جەنىن پاناھلانغۇچىلار لاگېرىنىڭ ئەل-ھادەف رايونىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدا قازا قىلغان بىر كىشىنىڭ جەسىتىنى تاپقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، قازا قىلغان پەلەستىن پۇقراسىنىڭ جەسىتىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىۋاتقاندا ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنى تۇتۇپ قالغانلىقى ئەسكەرتىلدى، ئەمما بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىدى.

پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ جەنىنغا قىلغان ھۇجۇمىدا، قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانىنىڭ 8 گە چىققانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

ھۇجۇمدا، 21 پەلەستىنلىكنىڭ يارىلانغانلىقىمۇ ئۇقتۇرۇلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر