ئىسرائىلىيە غەززەگە يوللىنىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرگە توسقۇنلۇق قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئىسرائىلىيە 1-ئىيۇندىن 18-ئىيۇنغىچە غەززەنىڭ شىمالىغا بارىدىغان 61 ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەترىتىدىن ئاران 28 ىگە ئۆتۈش رۇخسىتى بەردى.

2154579
ئىسرائىلىيە غەززەگە يوللىنىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرگە توسقۇنلۇق قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت مۇئاۋىن باياناتچىسى فارخان ھەق كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا 1-ئىيۇندىن 18-ئىيۇنغىچە غەززەنىڭ شىمالىغا يەتكۈزۈش پىلانلانغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ ياردەملەرگە توسقۇنلۇق قىلىشنى  داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن فارخان ھەق، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ غەززەنىڭ شىمالىغا بارىدىغان ۋە خېلى بۇرۇنلا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 61 ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئەترىتىدىن پەقەت 28 ىنىڭلا ئۆتۈشىگە يول قويغانلىقىنى، 8 ئەترەتنىڭ غەززەگە كىرىشىنى چەكلەنگەنلىكلىرىنى، 16 ئەترەتنى قەستەن ئاستىلاتقانلىقىنى ۋە 9  ئەترەتنىڭ كىرىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى  بىلدۈردى.

فارخان ھەق: «غەززەگە قارىتىلغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ھەرىكىتىنى ئاسانلاشتۇرۇش ۋە بارلىق توسالغۇلارنى يوقۇتۇش كېرەك» دېدى.

فارخان ھەق غەززەنىڭ جەنۇبىدا ئۆي ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي قوغلاپ چىقىرىلغان يۈزمىڭلىغان كىشىنىڭ ئىنتايىن قىيىن شارائىتتا ھاياتلىق كۈرىشى قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، پاناھلىنىش، سەھىيە مۇلازىمىتى، يېمەكلىك، سۇ ۋە تازىلىققا ئېرىشىشنىڭ  ئىنتايىن ناچار ۋەزىيەتتە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سۇغا ئېرىشىشنىڭ ئىنتايىن تۆۋەن سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى ۋە كىشىلەرنىڭ دېڭىز سۈيىنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن فارخان ھەق، تازىلىق شارائىتىنىڭ ناچارلىقى سەۋەبىدىن كېسەللىكلەرنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

فارخان ھەق نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ كۈندە پەقەت بىر ۋاقلا تاماق يەۋاتقانلىقىنى، بەزى ئائىلىلەرنىڭ ھاتتا 2 ياكى 3 كۈندە بىر ۋاق تاماق يېيىشكە ئېرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر