ئامېرىكا قورال ياردەم قىلىشتا ئۇكرائىنا بىلەن تەيۋەننى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ

جون كىرباي باشقا دۆلەتلەرگە قورال ياردەم قىلىش كېچىكتۈرۈلگەن تەقدىردىمۇ تەيۋەننىڭ بۇ كېچىكتۈرۈشنىڭ سىرتىدا تۇتۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2154557
ئامېرىكا قورال ياردەم قىلىشتا ئۇكرائىنا بىلەن تەيۋەننى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا جىددىي ئېھتىياج سەۋەبىدىن ۋەتەنپەرۋەر باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمى ۋە دۆلەتلىك ئىلغار يەر يۈزىدىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى (NASAMS) نى يوللاشتا ئۇكرائىنانى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك ئالاقە مەسلىھەتچىسى جون كىرباي مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

جون كىرباي ئۇكرائىنا بىلەن بولغان ھەمكارلىققا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇكرائىنانىڭ بۇ  (قورال) ئىقتىدارلىرىغا جىددىي ئېھتىياجى بار» دېدى.

جون كىرباي ئامېرىكانىڭ ئۆز قورال زاپاسلىرىدىن  ئۇكرائىناغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە باشقا شېرىكلەرنىڭمۇ زور تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئەمما تېخىمۇ كۆپرەكىگە جىددى ئېھتىياج بار» دېدى.

جون كىرباي: «ئامېرىكا يېقىن كەلگۈسىدە باشقا دۆلەتلەرگە ئەۋەتىش پىلانلانغان ۋەتەنپەرۋەر باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىتېمىسى ۋە NASAMS  باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى يوللاشتا قىيىن، ئەمما زۆرۈر بولغان بىر قارار ماقۇللاپ، ئۇكرائىناغا ئالدىن يوللاشنى بېكىتتى» دېدى.

جون كىرباي ساننىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى، ئەمما يۈزلىگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

جون كىرباي يەنە، بۇ قارارنىڭ رۇسىيەگە كۈچلۈك ئۇچۇر بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ قارار سەۋەبىدىن باشقا دۆلەتلەرگە قورال يەتكۈزۈشنىڭ كېچىكتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. شۇنداقتىمۇ تەيۋەننىڭ بۇ كېچىكتۈرۈشنىڭ سىرتىدا تۇتىلىدىغانلىقىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭمۇ تەسىرگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان كىرباي، بۇ قارارنىڭ خەتەرگە يولۇققاندا ئىتتىپاقداشلارغا قىلىنىدىغان كۈچلۈك ياردەملەرنى نامايان قىلىپ بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

كىرباي تۇنجى مال يەتكۈزۈشنىڭ ئالدىمىزدىكى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئىشقا ئاشىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇكرائىنانى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش مۇساپىسىنىڭ تەخمىنەن 16 ئاي داۋاملىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر