رۇسىيە يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىش مەشىقىنى باشلىدى

رۇسىيە يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىشنى مەشىق قىلىدىغان مانېۋىرىنى باشلىدى.

2142646
رۇسىيە يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىش مەشىقىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا: «رۇسىيە پىرېزىدېنتىنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ رەھبەرلىكىدە جەنۇبىي ھەربىي رايونىدا ئىستراتېگىيەلىك بولمىغان يادرو قوراللىرىنى تەييارلاش ۋە ئىشلىتىشكە ئالاقىدارمانېۋىرىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى باشلاندى» دېيىلدى.

باياناتتا، مانېۋىر دائىرىسىدە، مەزكۇر رايوندىكى ھەربىي قىسىملارنىڭ «ئىسكەندەر» ناملىق تاكتىكىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ئۈچۈن كېرەكلىك ئوق-دورىلارنى بەلگىلەنگەن نۇقتىغا يەتكۈزۈش ۋە ئۇلارنى ئىشلىتىشكە تەييارلىق قىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان «Kinjal» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەپلەنگەن ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭمۇ مانېۋىرغا قاتناشتۇرۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا: «مانېۋىر رۇسىيەنىڭ يادرو كۈچلىرىنىڭ تەييارلىق ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ۋە دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى شۇنداقلا ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن تەشكىللەنگەن بولۇپ، بىر قىسىم غەرب ئەمەلدارلىرىنىڭ رۇسىيەگە قارشى ئىغۋاگەرچىلىك خاراكتېرلىك تەھدىتلىك باياناتلىرىغا جاۋاب بېرىشنىمۇ مەقسەت قىلىدۇ» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر