ئىراقتا دائېشنىڭ ھۇجۇمىدا 5 ئەسكەر ئۆلدى
ئىراقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ھۇجۇمىدا بىر پولكوۋنىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلدى.
2139151
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئىراقنىڭ سالاھىدىن شەھىرىدىكى بىر ھەربىي نۇقتىغا ھۇجۇم قىلغان.
ھۇجۇمدا پولكوۋنىك خالىد ناجى ۋىساق قاتارلىق كۆپلىگەن ئەسكەرلەر ھاياتىدىن ئايرىلغان.
باياناتتا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەسكەرلەرنىڭ سانى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىگەن.
بىخەتەرلىك مەنبەلىرى يەرلىك بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا باياناتلىرىدا مۇنداق دېگەن:
«تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ھۇجۇمىدا پولكوۋنىك ۋىساق قاتارلىق 5 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلدى، بەزى ئەسكەرلەر يارىلاندى.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سەئۇدى ئەرەبىستان 6 ئىران مۇخبىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى
سسەئۇدى ئەرەبىستان ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ 6 مۇخبىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى.