ئامېرىكا ئاسمىنىدا يەنە بىر قېتىم «جاسۇس شار» پەيدا بولدى

ئامېرىكا غەربىي رايونىدا كىمگە تەۋەلىكى ۋە مەقسىتى ئېنىقلىنالمىغان بىر شارنى بايقاپ، يېقىندىن كۆزىتىشكە باشلىدى.

2106799
ئامېرىكا ئاسمىنىدا يەنە بىر قېتىم «جاسۇس شار» پەيدا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: CBS قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھەربىي ئايروپىلان تەرىپىدىن بايقالغان شارنىڭ، دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، خەۋپسىز ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

كولورادو ئىشتاتى ئاسمىنىدا، تەخمىنەن 12 مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتە بايقالغان شارنىڭ كىمگە تەۋە ئىكەنلىكى ۋە نېمە مەقسەتتە قويۇپ بېرىلگەنلىكىنىڭ تېخى نامەلۇم ئىكەنلىكى، شامالنىڭ يۆنىلىشىگە ئەگىشىپ، جىئورجىيا ئىشتاتىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان شارنى ھۆكۈمەتنىڭ يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇلتۇر فېۋرالدىمۇ ئامېرىكا ئاسمىنىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئېگىزلىكتە خىتايغا تەۋە شارلار بايقالغان بولۇپ، خېلى ئۇزۇنغىچە ئامېرىكانىڭ كۈنتەرتىپىنى مەشغۇل قىلغانىدى.

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى «جاسۇس شار» كىرىزىسى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، 2023-يىلى 3-فېۋرال خىتاينىڭ پەۋقۇلئاددە ئېگىزلىكتىكى ئىستىخبارات شارىنىڭ ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، مونتانا ئىشتاتىدىكى يادرو ئوق بېشى ۋە يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئامبىرى قاتارلىق بىر قىسىم سەزگۈر ھەربىي ئورۇنلارنىڭ ئۈستىدىن ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

خىتاي شارنىڭ ھەربىي ياكى ئىستىخبارات توپلاش مەقسىتىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى، بىر ھاۋارايى تەكشۈرۈش شارى ئىكەنلىكىنى، ھاۋارايى شارائىتى سەۋەبىدىن يۆنىلىش ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، بۇ بايانات ۋاشىنگتوننى قايىل قىلالمىغان، شار 4-فېۋرال (2023) پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن،  ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەنىدى.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى «نورمال ئۇچقۇچىسىز ھاۋا قورالىغا زورلۇق بىلەن ئارىلاشقانلىقى»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكاغا نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر