ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدىكى دەپسەندىچىلىكلىرىنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدا ئونلىغان پۇقرانىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ھاۋا ھۇجۇملىرى بىلەن لىۋاندا ئاق فوسفور بومبىسى ئاتقانلىقىغا دائىر ئەيىبلەشلەرنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى.

2102563
ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدىكى دەپسەندىچىلىكلىرىنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Wall Street Journal» گېزىتىنىڭ ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنى مەنبە كۆرسەتكەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسىرائىلىيە ئۈستىدىكى ئەيىبلەشلەرنى تەكشۈرۈش، ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەگە ياردەم قىلغان قوراللىرىنىڭ پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن نامۇۋاپىق شەكىلدە ئىشلىتىلگەن ياكى ئىشلىتىلمىگەنلىكىنى ئېنىقلاشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

دائىرىلەرنىڭ 31-ئۆكتەبىر (2023) جىبالىيە پاناھلانغۇچىلار لاگېرىغا ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن قىلىنغان ۋە 125 تىن ئارتۇق پۇقرا جېنىدىن ئايرىلغان ھاۋا ھۇجۇمىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن خەۋەردە يەنە، مۇپەتتىشلەرنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمدا ئامېرىكا بەرگەن تەخمىنەن 907 كىلوگراملىق بومبىلارنى ئىشلەتكەن بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن گۇمانلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماتېۋ مىللېرمۇ دوكلاتقا مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندە قىلىنغان ۋە پۇقرالار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ۋەقەلەرگە ھەققىدىكى دوكلاتلارنىڭ، «پۇقرالارغا زىيال يەتكۈزىدىغان ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش قوللانمىسى»  ئاساسىدا تەكشۈرۈلگەنلىكىنى جەزملەشتۈردى.

ئەمما ئۇ، تەكشۈرۈلۈۋاتقان ۋەقەلەر توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر