ئىسرائىلىيەنىڭ رەفاھ شىەھىرىگە ھۇجۇم قىلىش تەييارلىقلىرى پۈتۈن دۇنيادا نارازىلىق قوزغىدى

ئىسرائىلىيە 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەنى ۋەھشىلەرچە بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

2100564
ئىسرائىلىيەنىڭ رەفاھ شىەھىرىگە ھۇجۇم قىلىش تەييارلىقلىرى پۈتۈن دۇنيادا نارازىلىق قوزغىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززە رايونىدا ئۆي – ماكانلىرىدىن ئارىلغان پەلەستىنلىكلەر پاناھلىنىۋاتقان رافاھ شەھىرى ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلاندى ۋە  نەچچە ئونلىغان پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ 4-فېۋرالدا رافاھ شەھىرىگە قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىشقا  تەييارلىق قىلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش كابىنېتىنىڭ رايوندا پاناھلىنىۋاتقان يۈزمىڭلىغان پەلەستىنلىكنى قوغلاپ چىقىرىش خىزمىتى باشلىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرى باش مىنىستىر نىتانىياھۇنىڭ رافاھ شەھىرىگە قىلىدىغان ھۇجۇمنى رامىزان ئېيىدىن بۇرۇن (11-مارتتىن 9-ئاپرېلغىچە) تاماملاپ بولۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى يازدى.

رەفاھ شىەھىرىگە قارشى ھەرىكەتنىڭ تەييارلىقلىرى دۇنيا مىقياسىدا قاتتىق نارازىلىق قوزغىماقتا.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەت ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل «رافاھ شەھىرىگە قىلىنىدىغان ھۇجۇم تەسۋىرلىگۈسىز ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇردى.

ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داۋىد كامېرونمۇ رافاھ شەھىرىگە قىلىنىش ئېھتىماللىقى بولغان ھۇجۇمدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوسې مانۇئېل ئالبارىسمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ رافاھقا قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتىنى كېڭەيتىشىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان بولسا، رافاھتا تېخىمۇ چوڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتىنىڭ يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىنغا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر