ئەلقاسسام بىرىگادالىرى خان يۇنۇس شەھىرىدە 7 نەپەر ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنى ئۇجۇقتۇردى

پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ھاماسنىڭ قوراللىق قانىتى ئىززىددىن ئەلقاسسام بىرىگادالىرى غەززە رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى خان يۇنۇس شەھىرىدە 7 نەپەر ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنى ئۇجۇقتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2100379
ئەلقاسسام بىرىگادالىرى خان يۇنۇس شەھىرىدە 7 نەپەر ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەلقاسسام بىرىگادالىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، خان يۇنۇسنىڭ شەرقىدىكى ئابسان ئەل كەبىرا رايونىدا ئىسرائىلىيە قىسىملىرىغا قىلىنغان ھۇجۇم ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيە قىسىملىرىغا نۆل ئارىلىقتىن ھەربىي خادىملارغا قارشى بومبا ئاتقانلىقى ۋە پارتىلاش نەتىجىسىدە 7 ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

يەنە بىر باياناتتا، غەززە شەھىرىنىڭ غەربىدىكى كەتىبە رايونىغا كىرگەن ئىسرائىلىيە قىسىملىرىغىمۇ مىناميوت بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ھاماسنىڭ قوراللىق قانىتى ئىززىددىن ئەلقاسسام بىرىگادىلىرى 2023-يىلى 7- ئۆكتەبىردە «پەلەستىنلىكلەرنىڭ  ۋە بولۇپمۇ مەسجىدى ئەقسا قاتارلىق مۇقەددەس قىممەت قاراشلىرىنىڭ  ئۈزلۈكسىز ئاياق ئاستى قىلىنىۋاتقانلىقىغا جاۋاب قايتۇرۇش» مەقسىتىدە، ئىسرائىلىيەگە ئومۇمىي يۈزلۈك ھۇجۇم قوزغىغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە 7 – ئۆكتەبىردىكى ھۇجۇمدا 1200 ئىسرائىلىيەلىكنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە 5132 ئىسرائىلىيەلىكنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 7 - ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززە رايونىغا قىلغان ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرىدا بولسا، 27 مىڭ 947 پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلدى. 67 مىڭ 459 پەلەستىنلىك يارىدار قىلىندى. بىنا خارابىلىقلىرى ئاستىدا يەنە نەچچە مىڭلىغان پەلەستىنلىكنىڭ جەسىتى بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى 7 - ئۆكتەبىردە غەززە رايونىغا ۋەھشىيانە ھۇجۇمىنى باشلانغاندىن بۇيان 564 ئەسكىرىدىن  ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر