ئىران ئىستانبۇلدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

ئىران تۈنۈگۈن ئىستانبۇل ئەدلىيە سارىيى (سوت مەھكىمىسى) ئالدىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

2099075
ئىران ئىستانبۇلدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ناسىر كەنئانى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىستانبۇل ئەدلىيە سارىيى ئالدىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى ۋە دۆلىتىنىڭ «شۇم تېررورلۇق ھادىسىلىرىگە قارشى كۈرەشتە دوست ۋە قېرىنداش تۈركىيە بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكى»نى بىلدۈردى.

كەنئانى ھۇجۇمدا يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى تىلىدى ۋە ھاياتىدىن ئايرىلغان پۇقرانىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورىدى.

تۈنۈگۈن چاغلاياندىكى ئىستانبۇل ئەدلىيە سارىيى ئالدىدىكى ساقچى تەكشۈرۈش پونكىتىغا قارىتىپ ئوق چىقارغان DHKP-C ئەزاسى ئىككى تېرورچى ئۆلۈك ھالەتتە قولغا چۈشۈرۈلگەن، ھۇجۇمدا بىر ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئۈچ نەپىرى ساقچى بولۇپ جەمئىي بەش كىشى يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر