ئامېرىكا ئىراقتا ئىران قوللاۋاتقان قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ ئۈچ مەركىزىگە ھۇجۇم قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ئىراقتىكى ئىران قوللاپ - قۇۋۋەتلەۋاتقان قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ ئۈچ مەركىزىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2092687
ئامېرىكا ئىراقتا ئىران قوللاۋاتقان قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ ئۈچ مەركىزىگە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن يازما باياناتىدا، ئىران قوللاپ-قۇۋۋەتلەۋاتقان قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ ئىراقتىكى ئۈچ مەركىزىگە، پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ يوليورۇقى بىلەن زەربە بەرگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ھۇجۇملارغا «زۆرۈر» ۋە «مۇۋاپىق» دەپ باھا بەرگەن ئوستىن: «بۇ ھۇجۇملار ئىران قوللاپ-قۇۋۋەتلەۋاتقان قوراللىق كۈچلەرنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەدە ئامېرىكاغا، ھەمدە بىرلەشمە ئارمىيە خادىملىرىغا قاراتقان بىر قاتار ھۇجۇملىرىغا قايتۇرۇلغان بىۋاسىتە جاۋابتۇر» دېدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان قەدەملەرنى تاشلاشتىن چېكىنمەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، رايوندىكى زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنمىغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە ئىران قوللاۋاتقان ھۇجۇملارنىڭ دەرھال توختىتىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىقتا بولدى.

ئىراقتىكى يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە، ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنىڭ بابىلنىڭ جۇرف سەھرايى كەبىر رايونىدىكى ھاشدى شاببى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي فاكۇلتېتىنى بومباردىمان قىلغانلىقى، ھۇجۇمدا قازا قىلغان ۋە يارىلانغانلارنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر