بايدىن نېتانياھۇ بىلەن غەززە ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى

ئاقساراي بايانات ئېلان قىلىپ، بايدىن بىلەن نېتانياھنىڭ تېلېفونلىشىپ، غەززەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

2091123
بايدىن نېتانياھۇ بىلەن غەززە ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇغا <ھاماسقا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلىرى داۋاملاشسىمۇ، غەززەدىكى پۇقرالارنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىسرائىلىيەنىڭ مەسئۇلىيىتى> ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، بايدىن تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، غەززەدىكى ھەرىكەتلەرنى تېخىمۇ ئېنىق نىشان بېكىتىپ ئېلىپ بېرىشنىڭ رايونغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىشكە قولايلىق يارىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بايدىن نېتانياھۇغا يەنە، <ھاماسقا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلىرى داۋاملاشسىمۇ، غەززەدىكى پۇقرالارنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىسرائىلىيەنىڭ مەسئۇلىيىتى> ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

غەززەگە تېخىمۇ كۆپ يېمەكلىك ياردىمى يەتكۈزۈپ بېرىش مەسىلىسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان بايدىن، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى مەڭگۈلۈك سىياسىي ھەل قىلىش چارىسىنىڭ پەقەت ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىقلا روياپقا چىقىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر