ئولاف شولز جو بايدىن بىلەن كۆرۈشتى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

2089739
ئولاف شولز جو بايدىن بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىنىڭ باياناتىدا، شولزنىڭ بايدىن بىلەن ئۇكرائىناغا ياردەملەرنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇشى كېرەكلىكىكىنى ۋە ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرەلەشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باش مىنىستىر شولز ۋە پىرېزىدېنت بايدىننىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان ھۇجۇمىنى ئەيىبلەش شۇنداقلا ئۇكرائىناغا ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەكلىكى ھەققىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، گېرمانىيەنىڭ بۇ يىل (2024) ئۇكرائىناغا 7مىليارد ياۋرودىن ئارتۇق ھەربىي ئەسلىھە ياردىمى قىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر