ئىران رايوندىكى «جاسۇسلۇق ۋە تېررورلۇق» مەركەزلىرىنى بومباردىمان قىلدى

ئىران رايوندىكى «تېررورلۇق ۋە جاسۇسلۇق مەركەزلىرى»گە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىپ زەربە بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

2089162
ئىران رايوندىكى «جاسۇسلۇق ۋە تېررورلۇق» مەركەزلىرىنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران رەسىمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى — ئىرنا، ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسىنىڭ يازما باياناتىنى مەنبە قىلىپ، رايوندىكى جاسۇسلۇق مەركەزلىرى بىلەن ئىرانغا قارشى تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئۇچرىشىش ئورۇنلىرىغا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن زەربە بېرىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى؛ خەۋەردە: «ئىران دۈشمەنلىرىنىڭ يېقىنقى تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇش مەقسىتىدە، جاسۇس ۋە تېررورچىلارنىڭ باش ئورگانلىرى يېرىم كېچىدە (ئىران) ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسىنىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى تەرىپىدىن نىشانغا ئېلىنىپ ۋەيران قىلىندى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيە زېمىنلىرىدىكى ئورۇنلىرىدىن باشقا، ئىراقنىڭ ئەربىل شەھىرىدىكى ئىسرائىلىيە تاشقى ئىستىخبارات ئىدارىسى — موسساد مەركىزىگىمۇ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن زەربە بېرىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، جاۋابكارلىقىنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈستىگە ئالغان كېرماندىكى ئادەم بومبا ھۇجۇمى، راسك شەھىرىدىكى بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان ۋەقە ۋە سۈرىيەدىكى ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمنيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىرىدىن رازى مۇساۋىنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈشىگە ئىشارەت قىلىنىپ، باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىنىڭ بۇلاردىن ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە قىلىنغانلىقى تەكىتلەندى.

مەھەللىي تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىدە، ئامېرىكانىڭ ئەربىلدىكى كونسۇلخانىسى ۋە ئەربىل خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېقىن يەردىكى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دائېشقا قارشى ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ بازىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن جايدىن پارتلاش ئاۋازلىرىنىڭ ئاڭلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئەربىل ۋالىيسى ئۈمىد خوشناۋ شەھەردىكى نۇرغۇن نۇقتىلاردا «ئىنسان قېلىپىدىن چىققان تېررورلۇق ھۇجۇملىرى»نىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسىنىڭ ئۈستىگە ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر