پېسكوۋ رۇسىيە-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا توختالدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىزچىل ئالاقىلىشىپ تۇرۇشىغا ئېھتىياج بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بۇ ئالاقە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۈچۈن مۇھىم» دېدى.

2087168
پېسكوۋ رۇسىيە-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ مۇخبىرلارغا كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا بايانات بەردى.

ئۇ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ پىلانلىنىۋاتقان تۈركىيە زىيارىتىنىڭ ۋاقتىنىڭ تېخى بېكىتىلمىگەنلىكىنى، بۇنىڭ دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق بېكىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «پۇتىن بىلەن ئەردوغاننىڭ ئىزچىل ئالاقىلىشىپ تۇرۇشىغا ئېھتىياج بار. بۇ ئالاقە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۈچۈن مۇھىم. ئۇلار، زۆرۈر تېپىلغاندا، تېلېفوندا پاراڭلىشالايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر