ئىسرائىلىيەدە بېنيامىن نېتانياھۇنى قوللاش نىسبىتى %15 گە چۈشۈپ قالدى

ئىسرائىلىيەدە غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملار ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى مەزگىلدە باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىسنى داۋاملاشتۇرىشىنى خالايدىغانلارنىڭ نىسبىتى %15 گە چۈشۈپ قالغانلىقى ئاشكارىلاندى.

2083462
ئىسرائىلىيەدە بېنيامىن نېتانياھۇنى قوللاش نىسبىتى %15 گە چۈشۈپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە دېموكراتىيە ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە، ئىختىيارىي تاللانغان 756 ئىسرائىلىيەلىكتىن غەززە رايونىدىكى ھۇجۇملار ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى مەزگىلدە كىمنى باش مىنىستىر سۈپىتىدە كۆرۈشنى خالايدىغانلىقى سورالدى.

قاتناشقۇچىلارنىڭ ئاران %15 ى نېتانياھۇنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنمۇ ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى قوللىغان بولسا، %23 ى ئۇرۇش كابىنېتى ئەزاسى بېننىي گانتىزنى باش مىنىستىر سۈپىتىدە كۆرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە 13 تېلېۋىزىيە قانىلى 29 - دېكابىردا 700 قاتناشقۇچى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان راي سىناش نەتىجىسىدە، ئەگەر سايلام ئۆتكۈزۈلسە نېتانياھۇنىڭ پارتىيەسى لىكۇدنىڭ پارلامېنتتا ئاران 16 ئورۇندۇققا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

120 ئورۇندۇقلۇق ئىسرائىلىيە پارلامېنتىدا لىكۇد پارتىيەسىنىڭ ھازىر 32 ئورۇندۇقى بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر