ئىسرائىلىيە 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە كۈنىگە ئاز دېگەندە 181 ئايال ۋە كىچىك بالىنى ئۆلتۈردى

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززە رايونىدا كۈنىگە ئاز دېگەندە 181 ئايال ۋە كىچىك بالىنى ئۆلتۈردى.

2082709
ئىسرائىلىيە 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە كۈنىگە ئاز دېگەندە 181 ئايال ۋە كىچىك بالىنى ئۆلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى ئېلان قىلغان باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇمىدا 9100 كىچىك بالا ۋە 6500 ئايالنى ئۆلتۈگەنلكىنى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، 70% ى ئاياللار ۋە كىچىك بالىلاردىن تەركىپ تاپقان 7000 كىشىنىڭ جەسىتىنىڭ بىنا خارابىلىكلىرى ئاستىدا ئىكەنلىكى ياكى يوقاپ كەتكەنلىكى تەكىتلەندى. دوختۇرخانىغا يېتىپ كەلگەن ئۆلۈكلەر سانىنىڭ 21 مىڭ 822 گە يەتكەنلىكى ۋە 56 مىڭ 451 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى سەھىيە ئورۇنلىرىغا قىلغان دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىمۇ تىلغا ئېلىنغان باياناتتا يەنە، ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ 312 سەھىيە خادىمى ۋە 40 خەلق مۇداپىئە خادىمىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 106 ژۇرنالىست ئۆلتۈرۈلگەن.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى 99 نەپەر سەھىيە خادىمى ۋە 10 مۇخبىرنى قولغا ئالغان، 2 مىليون 300 مىڭ نوپۇسى بولغان غەززە رايونىدا 1 مىليون 800 مىڭ كىشى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان.

ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەر توپلاشقان مەركەزلەردە 355 مىڭ كىشىدە يۇقۇملۇق كېسەل بايقالدى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى نەتىجىسىدە، غەززە رايونىدىكى 126 ھۆكۈمەت ئەسلىھەلىرى، 92 مەكتەپ ۋە ئۇنىۋېرسىتېت پۈتۈنلەي ۋەيران بولدى، 285 مەكتەپ ۋە ئۇنىۋېرسىتېت قىسمەن ۋەيران بولدى. غەززە رايونىدا 65 مىڭ ئۆي، 119 مەسچىت ۋە 3 چېركاۋ پۈتۈنلەي ۋەيران بولدى. جەمئىي 290 مىڭ ئۆي ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى 142 سەھىيە مەركىزىنى بوماردىمان قىلدى.  53 سەھىيە مەركىزى ۋە 23 دوختۇرخانىنى مۇلازىمەت قىلالمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويدى ۋە 104 جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىنى ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالغا كەلتۈردى.

پەلەستىننىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنىمۇ ھۇجۇم نىشانى قىلغان ئىسرائىلىيە قىسىملىرى غەززەدىكى 200 تارىخى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ۋەيران قىلدى.

ھاماسنىڭ قوراللىق قانىتى ئىززىن ئەلقاسىم بىرىگادىسى7-ئۆكتەبىردە ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى ۋە مەسجىدى ئەقسانى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇقەددەس قىممەتلىرىنى ئىزچىل ھالدا ئاياغ ئاستى قىلىۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئىسرائىلىيە قىسىملىرىمۇ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئىشلىتىپ غەززەنى ۋەھشىلەرچە بومباردىمان قىلىشنى باشلىغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر