ئىسرائىلىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى غەززەدىكى پاجىئەلەرگە نارازىلىق بىلدۈردى

غەززەدە يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىي پاجىئەلەر ئىسرائىلىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ كۈن تەرتىپىدىن ئورۇن ئالدى.

2080797
ئىسرائىلىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى غەززەدىكى پاجىئەلەرگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى «B'Tselem» غەززە رايونىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتىنىڭ ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە ئېغىرلاشقانلىقى تەرەپكە ھەممىنىڭ دىقىتىنى تارتتى.

ئىسرائىلىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى «B'Tselem» ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتىدا غەززەنىڭ ئەڭ يېڭى  ۋەزىيىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، «ھازىر غەززەدىكى ئىنسانىي ئاپەت ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە ئېغىرلاشماقتا. ئىسرائىلىيە 80 كۈندىن بۇيان يېقىلغۇ، يېمەكلىك، سۇ ۋە دورا قاتارلىق ئەقەللىي تۇرمۇش ئېھتىياجلىرىنىڭ كىرىشىگىمۇ توسقۇنلۇق قىلماقتا» دېيىلدى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى ۋە مۇھاسىرى سەۋەبىدىن غەززەدە ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتىنىڭ ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە ئېغىرلاشقانلىقى، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىنى قەستەن ئاچ ۋە سۇسىز قالدۇرغانلىقى، روژدېستۋو بايرىمى تەبرىكلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ قورقۇنچلۇق بىر شەكىلدە كوللىكتىپ جازاغا ئۇچراۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.  

غەززەگە قىلىنىدىغان ياردەملەرگە قارىتىلغان بارلىق چەكلىمىلەرنىڭ دەرھال بېكار قىلىنىشى ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ ئىككى تەرەپلىك ئۇرۇش توختىتىشقا جىددىي مەجبۇرلىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىندى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر