ياۋروپا كېڭىشى: تۈركىيە نامزات دۆلەت ۋە ھالقىلىق شېرىك

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى تۈركىيەنىڭ كاندىدات دۆلەت ۋە نۇرغۇن ئورتاق مەنپەئەت ساھەسىدىكى ھالقىلىق شېرىك ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلىدى.

2075918
ياۋروپا كېڭىشى: تۈركىيە نامزات دۆلەت ۋە ھالقىلىق شېرىك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ياۋروپا ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىرلىرىدىن تەشكىل تاپقان <ئومۇمىي ئىشلار كېڭىشى>نىڭ 2023 –يىللىق ئەڭ ئاخىرقى يىغىنى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كېڭىيىش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەزاسى ئولىۋېر ۋارخېلى ئىتتىپاقنىڭ كېڭىيىشى مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان يىغىننىڭ ئاخىرىدا تاراتقۇلارغا بايانات بېرىپ، تۈركىيەنىڭ ئەزالىق مۇساپىسىنىڭ ئالغا بېسىشى ئۈچۈن، قانۇن بىلەن باشقۇرۇش ساھەسىدە ئىلگىرىلەشلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ يەنە، مۇناسىۋەتتە يېڭى باشلىنىشلارنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدىغان ئىجابىي كۈنتەرتىپنى يېقىن كۆزىتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يىغىننىڭ خۇلاسە دوكلاتىدىمۇ: «تۈركىيە نامزات دۆلەت ۋە نۇرغۇن ئورتاق مەنپەئەت ساھەسىگە ئىگە ھالقىلىق شېرىك بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

دوكلاتنىڭ تۈركىيەگە مۇناسىۋەتلىك قىسمىدا، «ئوچۇق ۋە سەمىمىي سۆھبەتنى ساقلاپ قېلىش، ئورتاق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ھەمدە كۆچمەنلەر، كىلىمات، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر قاتارلىق ئاساسىي ئورتاق ساھەلەردە ھەمكارلىشىش ئىرادىسى»نىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

باياناتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ بۇ مەسىلىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ھەققىدە تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى قاتلاملىق دىيالوگنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ كېلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

كېڭەشنىڭ تۈركىيە – گىرېتسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىكى تەرەققىياتى ۋە شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش قەدەملىرىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان دوكلاتتا، قىبرىس مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەلەپ قىلىندى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ مەسىلىدە رول ئويناشقا تەييار ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر