جېك سۇللىۋان: «سودا پاراخوتلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمغا ئىران جاۋابكار»

ئامېرىكا قىزىل دېڭىزدىكى سودا پاراخوتلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمغا ئىراننىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

2072584
جېك سۇللىۋان: «سودا پاراخوتلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمغا ئىران جاۋابكار»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جېك سۇللىۋان ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

ئامېرىكانىڭ يېڭى ھۇجۇملارنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە، «دېڭىز خىزمەت ئەترىتى» قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «مۇزاكىرەلىشىپ مۇۋاپىق قەدەملەرنى تاشلايمىز ھەمدە بۇنى ئۆزىمىز تاللىغان بىر ۋاقىت ۋە ئورۇندا قىلىمىز» دېدى.

ئۇ قىزىل دېڭىزنىڭ جەنۇبىدىكى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىەسىنىڭ قوغلىغۇچى پاراخوتى «USS Carney» نىڭ سودا پاراخوتلىرىنىڭ ياردەم چاقىرىقىغا جاۋاب قايتۇرۇش جەريانىدا، ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقان ئۈچ ئۇچقۇنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكى ھەققىدىمۇ توختالدى ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

جېك سۇللىۋان قىزىل دېڭىزدىكى سودا پاراخوتلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمغا، «ئاخىرقى جاۋابكار» نىڭ ئىران ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى (CENTCOM) ئالدىنقى كۈنى، قىزىل دېڭىزنىڭ جەنۇبىدىكى خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە ئۈچ سودا پاراخوتىغا تۆت قېتىم ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

باياناتتا، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قوغلىغۇچى پاراخوتى «USS Carney» نىڭ سودا پاراخوتىنىڭ ياردەم چاقىرىقىغا جاۋاب قايتۇرغانلىقى ۋە قوغلىغۇچى پاراخوتنىڭ ئۆزىگە قاراپ كەلگەن ئۈچ ئۇچقۇنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر