قاتار: كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىش ۋاقتى كەلگۈسى بىر قانچە سائەت ئىچىدە ئېلان قىلىنىدۇ

قاتار غەززەدىكى توقۇنۇشلارنى ۋاقىتلىق توختىتىش كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىشنى باشلاش ۋاقتىنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە سائەت ئىچىدە ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

2067830
قاتار: كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىش ۋاقتى كەلگۈسى بىر قانچە سائەت ئىچىدە ئېلان قىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مەجىد ئەلئەنسارى قاتار رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى _ QNA غا بايانات بېرىپ، قاتار بىلەن مىسىرنىڭ مۇرەسسە قىلىشى نەتىجىسىدە، ھاماس بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان توقۇنۇشلارنى ۋاقىتلىق توختىتىش كېلىشىمىنىڭ تەپسىلاتلىرى توغرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ ئىجابىي يۆنىلىشنى بويلاپ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

كېلىشىمنىڭ يولغا قويۇلۇش ۋاقتىنىڭ ئالدىمىزدىكى سائەتلەردە ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەلئەنسارى، كېلىشىمنىڭ تېزدىن كۈچكە ئىگە بولۇشى ۋە تەرەپلەرنىڭ بۇنىڭغا ئەمەل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مىسىر ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى سايىسىدا خىزمەتلەرنىڭ ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

بۇ جەرياندا، ئىسرائىلىيە دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى رەئىسى تزاچى خانېگبى، ھاماس بىلەن بولغان توقۇنۇشنى ئىنسانىي مەقسەتتە ۋاقىتلىق توختىتىپ تۇرۇش كېلىشىمى دائىرىسىدىكى ئەسىر ئالماشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى جۈمە كۈنىدىن بۇرۇن ئىجرا قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، ئەسىر ئالماشتۇرۇشنىڭ ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە ئاساسەن ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئەسىر ئالماشتۇرۇش توغرىسىدىمۇ كېلىشىم ھاسىل قىلغانىدى.

ئىسرائىلىيە تەرەپ 50 ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرنىڭ تاپشۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى، ھاماس تەرەپ، بۇنىڭ بەدىلىگە 150 پەلەستىنلىك مەھبۇسنىڭ قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر