ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىغا قاراتقان ھاۋا ھۇجۇمىدا ئىككى مۇخبىر، بىر پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى

ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، ئىككىسى مۇخبىر بولۇپ جەمئىي ئۈچ كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

2067016
ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىغا قاراتقان ھاۋا ھۇجۇمىدا ئىككى مۇخبىر، بىر پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋاننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى —NNA، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ تاير خارفا بازىرىغا يېقىن يەردىكى مۇخبىرلار تۇرۇۋاتقان جايغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، «ئەلمەيادىن» قانىلىنىڭ ئايال مۇخبىرى فەراھ ئۆمەر، ئوپېراتور رابىھ ئەلمامارى ۋە بىر پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

شۇڭا، 8-ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىغا قىلغان ھۇجۇمىدا قازا قىلغان ژۇرنالىستلارنىڭ سانى 3 كە يەتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن، بىريۇسسېلغا جايلاشقان خەلقئارا ژۇرنالىستلار بىرلەشمىسى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە مۇخبىرلارنى ئۆلتۈرۈشىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا ژۇرنالىستلار بىرلەشمىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، مۇخبىرلارنىڭ ئۆلۈملىرى توغرىسىدا دەرھال تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەلەپ قىلىندى.

باياناتتا، ھازىرغىچە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان 62 ژۇرنالىستنىڭ ئىسمى، قازا قىلغان جايلىرى ۋە ۋاقتىغا ئورۇن بېرىلدى.

پەلەستىن رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى — ۋافا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان 7-ئۆكتەبىردىن بۇيانقى ھۇجۇملىرىدا ئالتىسى ئايال بولۇپ، جەمئىي 62 مۇخبىرنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر