ئامېرىكانىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى بازىلىرىغا 55 قېتىم ھۇجۇم قىلىندى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 17-ئۆكتەبىردىن بۇيان ئامېرىكانىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى ھەربىي بازىلىرىغا 55 قېتىم ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2064529
ئامېرىكانىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى بازىلىرىغا 55 قېتىم ھۇجۇم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: پېنتاگوننىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى سابرىنا سىنگ كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا بازىلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇملار ھەققىدە ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى.

سابرىنا سىنگ 17-ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىراقتا 27،  سۈرىيەدە 28 قېتىم بولۇپ، ئامېرىكا بازىلىرىغا جەمئىي 55  قېتىم ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

سابرىنا سىنگ ھۇجۇمدا 59 خادىمنىڭ يىنىك يارىلانغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ داۋالىنىپ  ۋەزىپىسىگە قايتىپ بولغانلىقىنى  ئېيتتى.

سابرىنا سىنگ ئامېرىكا بازىلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇملارغا، ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى گۇرۇپپىلارنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكانىڭ بۇ ھۇجۇملارغا جاۋاب قايتۇرۇش ھوقۇقى بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيە-ھاماس توقۇنۇشىنىڭ رايونغا يامراپ كەتمەسلىكى ۋە غەززە بىلەنلا چەكلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن سابرىنا سىنگ بۇ «چېكىندۈرگۈچ» سىياسىتىدە ئامېرىكانىڭ رايوندىكى كۈچلۈك مەۋجۇتلۇقى بىلەن ھازىرغىچە ئۇتۇققا ئېرىشىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر